ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى ھۈسەيىن مۇھىببى، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان يېڭى بىر ھۇجۇم باشلاش پىلانىنىڭ «ئەقىل سىرتىدىكى» ئىش ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنداق بىر ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھۈسەيىن مۇھىببى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ئىران-ئامېرىكا جىددىيچىلىكى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يېڭى بىر ھۇجۇم باشلىشىنىڭ لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، بىراق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن ئىلگىرى بىر غەلىبىگە ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق بىر خەتەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئېسكەرتتى.
مۇھىببى ئىراننىڭ ھەرقانداق ھۇجۇم ئېھتىماللىقىغا پۈتۈنلەي تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «پۇشايمان قىلىدىغان» دەرىجىدە قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە ئىراننىڭ 28-فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇشتا كونا تىپتىكى قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى، بىراق نۆۋەتتە ئىنتايىن ئىلغار قورال سىستېمىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


















