خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: «مۇزاكىرىلەردە ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەر ياكى ئايلاردا ئېنىق بىر بىر نەتىجىگە ئېرىشىش كۈتۈلمەيدۇ»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايرى، ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران: «مۇزاكىرىلەردە ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەر ياكى ئايلاردا ئېنىق بىر بىر نەتىجىگە ئېرىشىش كۈتۈلمەيدۇ»
ئىران: «مۇزاكىرىلەردە ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەر ياكى ئايلاردا ئېنىق بىر بىر نەتىجىگە ئېرىشىش كۈتۈلمەيدۇ»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايرى، ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان پىكىر ئوخشاشماسلىقلىرى ئاساسىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بەقايرى ئۆزى قاتناشقان بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرگە ئائىت مۇھىم باياناتلاردا بولدى.

ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرە مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە تېخى كېلىشىمگە يېقىنلاشقان بىر نۇقتىغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بەقايرى، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئوخشاشماسلىقلىرى بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىر قانچە قېتىملىق زىيارەت، بىر قانچە ھەپتە ياكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەر بىلەنلا جەزملەشتۈرۈلگەن بىر نەتىجىگە يېتىپ بارالايمىز دېگىلى بولمايدۇ» دېدى.

دىپلوماتىيەنىڭ ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن بەقايرى، مۇزاكىرىلەرنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، يادرو مەسىلىلىرىنىڭ بولسا بۇ باسقۇچتا كۈنتەرتىپكە كىرمىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. لىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا رايوندىكى بارلىق ئالدىنقى سەپلەردە ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بەقايرى، ھورمۇز بوغۇزى ۋە ئامېرىكا يولغا قويغان دېڭىز قامالى مەسىلىسىنىڭ يەنىلا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بەقايرى مۇزاكىرىلەردە قويۇقلاشتۇرۇلغان ئۇران مەسىلىسىگە كىرىشنىڭ تەرەپلەرنى بىر نەتىجىگە يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق. بىز بۇ يولدىن ئىلگىرىمۇ ئۆتكەن ئىدۇق ۋە پىكىر ئوخشاشماسلىقلىرى شۇنچىلىك چوڭ ئىدىكى، ھېچ بىر كېلىشىمگە ھاسيىل قىلالمىدۇق. قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ مەنتىقسىز تەلەپلىرى تۈپەيلىدىن، ئاخىرىدا مۇزاكىرە ئۈستىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولدى ۋە ئىرانغا قارشى ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى.»

بەقايرى يەنە، ئامېرىكانىڭ ھەددىدىن زىيادە تەلەپلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ھەر بىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»