ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئورگىنى Ynet نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 26-نۆۋەتلىك كىنېسسېتى (پارلامېنتى) تۇنجى يىغىنىنى قەسەم بېرىش مۇراسىمى بىلەن باشلىدى.
پىرېزىدېنت ئىسھاق ھېرزوگ بولسا پارلامېنت ئەزالىرىنى يېڭى بىر سايلام ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا چاقىردى. سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم، يېڭى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، سايلانغان 120 پارلامېنت ئەزاسىنى بىر يەرگە جەم قىلدى.
پارلامېنت ئەزالىرىغا سۆز قىلغان ھېرزوگ: «قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولۇڭلاردىن كەلگەن بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشىڭلار كېرەك» دېدى ۋە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: «سىلەرنى سايلىغان خەلق، نورماللىق، خەۋپسىزلىك ۋە خاتىرجەملىك ئىزدەۋاتىدۇ.»

















