خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خەۋپسىزلىك شىركىتى ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ۋەدە بەرگەن ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى
ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بوغۇزنى كونترول قىلىۋاتقان تېھران، پاراخوتلارنىڭ بوغۇزدىن بىخەتەر ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۆتۈش ھەققى ئېلىشنى تەكلىپ قىلدى.
خەۋپسىزلىك شىركىتى ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ۋەدە بەرگەن ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى
خەۋپسىزلىك شىركىتى ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ۋەدە بەرگەن ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى / Reuters

(گىرېتسىيە) دېڭىزچىلىق خەۋپ-خەتەرنى باشقۇرۇش شىركىتى MARISKS، بوغۇزنىڭ غەربىدە قاپسىلىپ قالغان پاراخوتلار تەۋە بولغان بەزى يۈك توشۇش شىركەتلىرىگە، ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتۈش بەدىلىگە كرىپتو پۇل تەلەپ قىلغان ساختا ئۇچۇرلارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئىران پورتلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان قامالنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئىران ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى دۇنيا نېفىت ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى ئۆتىدىغان ھورمۇز بوغۇزىغا يۈرگۈزگەن قامالىنى ئاۋۋال بىكار قىلىپ، كېيىن قايتا يولغا قويدى.

ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بوغۇزنى كونترول قىلىۋاتقان تېھران، پاراخوتلارنىڭ بوغۇزدىن بىخەتەر ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۆتۈش ھەققى ئېلىشنى تەكلىپ قىلدى.

MARISKS دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران دائىرىلىرىگە ۋاكالەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ، بەزى يۈك توشۇش شىركەتلىرىگە «ئۆتۈش رۇخسىتى» ئۈچۈن بىتكوين (Bitcoin) ياكى تېزەر (Tether) غا ئوخشاش كرىپتو پۇللار بىلەن ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پاراخوت ئىگىلىرىنى ئاگاھلاندۇردى.

شىركەت: «بۇ ئۇچۇرلار ئالدامچىلىق مەقسىتىدە ئەۋەتىلگەن» دېدى سەمدە ئۇچۇرنىڭ ئىران دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلمىگەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

تېھران تەرەپتىن بۇ مەسىلە ھەققىدە تېخىچە بىر بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

يۈزلەرچە پاراخوت ۋە تەخمىنەن 20 مىڭ دېڭىزچى قولتۇقتا قاپسىلىپ قالغان ھالەتتە تۇرماقتا.

ئىراننىڭ 18-ئاپرېلدا بوغۇزنى كونترول قىلىش شەرتى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك ئاچقاندىن كېيىن پاراخوتلار ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان، ئەمما ا بىر نېفىت پاراخوتىنىمۇ قوشقاندا ئاز دېگەندە ئىككى پاراخوت، ئىرانغا تەۋە كاتېرلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئوق چىقارغانلىقىنى ۋە كەينىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

MARISKS شەنبە كۈنى بوغۇزدىن چىقماقچى بولغاندا ئوققا تۇتۇلغان پاراخوتلاردىن ئاز دېگەندە بىرىنىڭ ئالدامچىلىقنىڭ قۇربانى بولغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىيەلمىدى، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە ئۇچۇر ئەۋەتىلگەن شىركەتلەرنىمۇ ئېنىقلىيالمىدى.

MARISKS نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاراخوتلارغا ئەۋەتىلگەن ئۇچۇر مۇنداق مەزمۇندا بولغان: «ھۆججەتلىرىڭىزنى سۇنغاندىن كېيىن ۋە ئىران خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى باھالاپ بولغاندىن كېيىن، كرىپتو پۇل (BTC ياكى USDT) بويىچە تۆلىنىدىغان ھەقنى بېكىتەلەيمىز. شۇنىڭدىن كېيىنلا، كېمىڭىز ئالدىن كېلىشىلگەن ۋاقىتتا بوغۇزدىن توسالغۇسىز ئۆتەلەيدۇ».

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Gunfire reported as Iran closes Strait of Hormuz again over US blockade
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى