ئىسرائىلىيەنىڭ داڭلىق مىنىستىرى سموترىچ ترامپنىڭ پىلانىنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ داڭلىق مىنىستىرى سموترىچ ترامپنىڭ پىلانىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ داڭلىق مىنىستىرى سموترىچ مىسىر ۋە ئەنگلىيەگە ئوخشىغان «دۈشمەن دۆلەتلەر» نىڭ ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سورمدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سموترىچ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش چاقىرىقىدا بولدى.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ، پەلەستىنلىكلەرنى ئۆي-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشنى ۋە رايوندا ئىسرائىلىيە ئولتۇراق رايونلىرىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
بېزالېل سموترىچ يەنە دۈشەنبە كۈنى غەززەدىكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ تاقىلىشىنى ھەمدە «مىسىر ۋە ئەنگلىيە» گە ئوخشىغان دۈشمەن گۇرۇپپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەركەزدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«غەززە بىزنىڭدۇر، ئۇنىڭ كەلگۈسى ھەممە ئادەمنىڭكىدىن بەكرەك بىزنىڭ تەقدىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىۋېلىش بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى بىر ھەربىي ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:
«بىز ۋەزىپىنى تاماملىشىمىز كېرەك.ترامپقا ئۇنىڭ پىلانىنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشىمىز ۋە پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىمىز كېرەك.»
سموترىچ مىسىر بىلەن ئەنگلىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى، شۇنداقلا ترامپنىڭ پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدىغان، جەنۇبتىكى كىرىيات گات ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان پۇقراۋى-ھەربىي ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
دوكلاتلارغا قارىغاندا، سموترىچ بۇ قۇماندانلىق ئىشتابىدىن ئۆزى «دۈشمەن دۆلەتلەر» دەپ ئاتىغان مىسىر ۋە ئەنگلىيەنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر مەركەز ئۆكتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا مەركىزى قۇماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، نەچچە ئون دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.
مىنىستىر يەنە ئىسرائىلىيە پەلەستىن تەرىپىدە كونترول قىلىۋاتقان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنى ۋە غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ «ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ باشقا يەرلەردىن كەلگۈسى ئىزدەشلىرىگە» رۇخسەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.