شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرىگە بىرلىشىشنىڭ «تارىخنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم بېيجىڭدا تەيۋەننىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرى چېڭ لىۋۇننى كۈتۈۋالدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۈمە كۈنى بېيجىڭدا تەيۋەن ئۆكتىچىلەر رەھبىرى چېڭ لىۋۇننى كۈتۈۋالغاندا، تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن «بىرلىشىشى» گە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
South China Morning Post نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن:
«ئىككى قىرغاقتا ياشايدىغانلار خىتايدۇر؛ بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا موھتاج، بۇ ئورتاق بىر ئارزۇدۇر.
تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە بىرلىشىشى تارىخىي يۈزلىنىشتۇر، بۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ؛ بۇ تارىخنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر، بىز بۇنىڭغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز.»
گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى چېڭ لىۋۇن پايتەخت بېيجىڭغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن جياڭسۇ ئۆلكىسىنى ۋە شاڭخەينى زىيارەت قىلغان؛ بۇ ئۇچۇر دۆلەتلىك شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن.
گومىنداڭ پارتىيەسى خىتاي بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قوللىماقتا؛ بېيجىڭ بولسا تەيۋەننىڭ ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ۋە ئارالغا قارىتا كۈچ ئىشلىتىش بىلەن تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە.
خىتاي دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سەي ئىنۋېن 2016-يىلى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن ۋە بېيجىڭنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان ئارالنى ئۆز زېمىنى دەپ قىلىۋاتقان دەۋالارنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەن بىلەن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىنى ئۈزۈۋەتكەن ئىدى.
چېڭ لىۋۇن خىتاينىڭ شەرقىدىكى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى نەنجىڭدىكى سۈن جۇڭشەن مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغاندا، بوغۇزنىڭ ئىككى قىرغىقىدا «مۇرەسسەلىشىش» ۋە «بىرلىشىش» توغرىسىدا ۋەدە بەردى. سۈن جۇڭشەن پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى ئىدى.
گومىنداڭ رەھبەرلىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئەڭ ئاخىرقى كىشى، 2015-يىلى خىتايدا كۈتۈۋېلىنغان ئەينى ۋاقىتتىكى پارتىيە رەئىسى ئېرىك چۇ ئىدى؛ بۇ كۆرۈشۈش ئارىدىن ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئىشقا ئاشتى.
بۇ زىيارەت گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ۋە ئۆزئارا ئالاقە جەھەتتە مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارالماقتا.
چېڭ لىۋۇن ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ زىيارەت شى جىنپىڭنىڭ كېلەر ئاي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى كۈتۈۋېلىش پىلانى سەۋەبىدىنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ۋاشىنگتون تەيبېينى ئەڭ كۆپ قورال - ياراغلار بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇپ كەلدى؛ ترامپ ھۆكۈمىتى ئالدىنقى يىلى رېكورت دەرىجىدىكى 11 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراغ سېتىش پىلانىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ بېيجىڭنىڭ نارازىلىقىغا ۋە قايتۇرما ئىنكاسىغا سەۋەب بولغان ئىدى. خىتاي ئامېرىكانىڭ بىرنەچچە قورال - ياراغ شىركىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەيۋەن رەھبىرى ۋىليام لەي چىڭدې جۈمە كۈنى، شۇ كۈننىڭ تەيۋەن مۇناسىۋەتلەر قانۇنىنىڭ 47 - يىللىقى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ قانۇننىڭ «ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇل تېشىنىڭ بىرى» بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دائىرىسى بىخەتەرلىك، سودا، تېخنولوگىيە ۋە باشقا ساھەلەرگە كېڭەيگەن مۇستەھكەم ھەمكارلىقىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ۋە رايون تىنچلىقىنى قوغدايدىغانلىقى» غا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
توكيو خىتايغا بەرگەن ئېنىقلىمىسىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى
زىيارەت ھارپىسىدا ياپونىيە جۈمە كۈنى 2026-يىللىق دىپلوماتىك كۆك تاشلىق كىتابىدا خىتايغا بەرگەن ئېنىقلىمىسىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى.
Kyodo News نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى توشىمىتسۇ موتېگىنىڭ مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىغا سۇنغان يىللىق دوكلاتىدا، 2025-يىللىق نەشرىدىكى «ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى» ئۇقۇمى، «خىتاي مۇھىم بىر قوشنا دۆلەت» ئۇقۇمىغا ئۆزگەرتىلگەن.
ياپونىيەنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2025-يىلى ياپونىيەگە قاراتقان «بىر تەرەپلىمە تەنقىدلىرىنى ۋە زورلۇق - زومبۇلۇق تەدبىرلىرىنى» كۈچەيتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، توكيونىڭ ئىشىكىنىڭ دىيالوگقا ئوچۇق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بۇ قەدەم ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ جىددىيلەشكەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر مۇھىتىدا ئوتتۇرىغا چىقتى؛ ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكا ئېچىنىڭ، دېڭىز مۇھاسىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى «ياپونىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالىدىغان بىر ئەھۋال» دەپ ئاتىغىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ياپونىيەنىڭ كوللېكتىپ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن جىددىيچىلىك تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتتى.