خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئانناپولىس شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسى بىۋاسىتە تەھدىت سەۋەبىدىن كارانتىن قىلىندى
ئالاقىدار دائىرىلەر مارىلاند ئىشتاتىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ كارانتىن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سابىق بىر دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى «ھەربىي ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىشىكلەرنى چەكمەكتە ئىكەن.»
ئانناپولىس شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسى بىۋاسىتە تەھدىت سەۋەبىدىن كارانتىن قىلىندى
Naval Academy Lockdown / AP

مەسئۇللارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مارىلاند ئىشتاتىنىڭ ئانناپولىس شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيەسى تەھدىت ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن كارانتىن قىلىنغان. خەۋەرلەردە بۇ ۋەقەگە سابىق بىر دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيەسى ئوقۇغۇچىسىنىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئانناپولىس شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئانناپولىس دېڭىز ئارمىيەنى قوللاش بازىسى يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيەسىگە قارىتىلغان تەھدىت ئۇچۇرلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلماقتا. بازا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى دائىرىسىدە كارانتىن قىلىندى. يېڭى ئەھۋاللارغا قاراپ ئۇچۇر بېرىپ تۇرىمىز.»

«فوكىس خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيەسى ئوقۇغۇچىلىرى تۇرىدىغان «Bancroft Hall» دا ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان. يەنە شۇ خەۋەردە، مەكتەپ رايونىدىكى بىر مەسئۇلنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «ھۇجۇمچى ھەربىي ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىشىكلەرنى چەكمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ