غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ
مالايسىيا «يەر شارى سۇمۇد» ياردەم كېمە ئەترىتىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە توسۇۋېلىنىشى جەريانىدا پائالىيەتچىلەرنىڭ تۇتۇن قىلىنغانلىقى ۋە قىيناشقا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ.
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ / AP

كۇئالالامپۇر دائىرىلىرى «يەر شارى سۇمۇد» ياردەم كېمە ئەترىتىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە توسۇۋېلىنىشى جەريانىدا پائالىيەتچىلەرنىڭ تۇتۇن قىلىنغانلىقى ۋە قىيناشقا دۇچ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋالار سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە  قانۇنىي  ئەرز مۇساپىسى باشلاشقا تەييارلىق قىلماقتا.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا ھۆكۈمىتى غەززەگە قاراپ يول ئالغان «يەر شارى سۇمۇد» ئىنسانىي ياردەم كېمە ئەترىتىدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قىيناشقا دۇچ كەلگەنلىكى دەۋاسى بىلەن ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا تەييارلانماقتا.

Malay Mail نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مالايسىيانىڭ سېلانگور ئىشتاتى باش مىنىستىرى ئەمىرۇدىن شارى  ئادۋوكاتلار ئۇچۇر ۋە قوللايدىغان پاكىتلارنى توپلاش تاماملانغاندىن كېيىن كۇئالالامپۇرنىڭ دېلو مۇساپىسىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ دېڭىز قامالىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان كېمە ئەترىتىدىكى 400 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق پائالىيەتچى، ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

ئەمىرۇدىن، كۇئالالامپۇر خەلقئارا ئايرودرومىدىكى «يەر شارى سۇمۇد كېمە ئەترىتى 2.0» نى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە: «سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز، توختاپ قالمايمىز. قانۇن گۇرۇپپىسى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا ئائىت پۈتۈن ھۆججەتلەرنى توپلىماقتا، ئۇلار بىر قانچە قېتىم تۇتقۇن قىلىندى، قىينالدى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Australian Gaza flotilla activists recount torture, sexual abuse in Israeli detention

ئۇ يەنە: «بۇنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە سۇنىمىز، دىپلوماتىك بېسىمنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە مالايسىيانىڭ تۆت تەرىپىدە خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئەمىرۇدىن قانۇنىي قەدەمنىڭ ئالاھىدە قىلىپ كېمە ئەترىتى پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان ۋە مالايسىيالىق قاتناشقۇچىلارمۇ ئىچىدە بار بولغان تۇتۇن قىلىش ۋە قىيناشقا ئوخشاش ۋەھشىلىكلەردىن كېيىن تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ مۇساپىنىڭ ئارقىسىدىن ھۆكۈمەتنىڭ غەززەنىڭ «تولۇق ئەركىنلىكى» تەلىپى بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغان دىپلوماتىك بېسىمىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمىرۇدىن «يەر شارى سۇمۇد كېمە ئەترىتى 2.0» نىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، مالايسىيا ۋە سېلانگورنىڭ پەلەستىن دەۋاسىغا بولغان سادىقلىقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قوللاش خىزمەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە كەلگۈسىدە پەلەستىنگە ئالاقىدار خەلقئارالىق كونفېرانسلارنىڭ مالايسىياغا ئېلىپ كېلىنىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمىرۇدىن سۇمۇد 3.0 نىڭ غەززە قامالى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli army raids occupied West Bank towns, forcing shop closures during Eid rush
ئىزدىنىڭ
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ