خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
كىم جوڭئۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2023-يىلى سېنتەبىردە رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان ئىدى، پۇتىنمۇ 2024-يىلى ئىيۇندا پيوڭياڭدا ئاز كۆرۈلىدىغان بىر زىيارەتنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
شىمالىي كورېيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
شىمالىي كورېيە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

پيوڭياڭنىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى سەيشەنبە كۈنى، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ موسكۋادا بىر يەرگە كېلىشى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا جەزملەشتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ ئەھۋال كىم جوڭئۇننىڭ يېقىندا كرېملىن سارىيىنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىنلىكىگە بولغان تەخمىنلەرنى ئاشۇردى.

دىپلوماتىك جەھەتتىن يېتىم قالغان شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە، 2022-يىلىنىڭ بېشىدا باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن بۇيان ھەمكارلىقىنى سۈرئەت بىلەن كېڭەيتمەكتە.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پيوڭياڭ رۇسىيەنىڭ توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان كۇرسك رايونىغا ئەسكەر ئەۋەتتى ۋە موسكۋانى قورال سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ بەدىلىگە بولسا ئىقتىسادىي ياردەم، ئوزۇق-تۈلۈك، ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ۋە ھەربىي تېخنىكىغا ئېرىشتى.

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخى بىلەن رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سەرگەېي لاۋروۋ ئوتتۇرىسىدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن، پيوڭياڭنىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ «ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەسىلىسىدىكى قەتئىي سىياسىي ئىرادىسىنى قايتا جەزملەشتۈرگەنلىكىنى» خەۋەر قىلدى.

شىمالىي كورېيە دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA: «شىمالىي كورېيە، ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى نىزانىڭ تۈپ سەۋەبىنى يوقىتىش ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىنى ۋە خەلقئارالىق ئادالەتنى قوغداش ئۈچۈن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بارلىق ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىگە بولغان قوللىشى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىبىلدۈردى» دېگەننى ئىلگىرى سۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - North Korea could send more troops, military equipment to Russia: Zelenskyy

ئاگېنتلىق، رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە رەھبىرى پۇتىن، كرېملىن سارىيى تەرىپىدىن يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ۋىدىيودا: «بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتكە بېرىلگەن قوللاش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەشنى خالايمەن»، دېدى.

KCNA نىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، چو سونخى زىيارىتى جەريانىدا ئىسىمسىز قەھرىمان ئەسكەرلەر خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام گۈلچەمبىرىكى قويدى.

كىم جوڭئۇن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2023-يىلى سېنتەبىردە رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان ئىدى، پۇتىنمۇ 2024-يىلى ئىيۇندا پيوڭياڭدا ئاز كۆرۈلىدىغان بىر زىيارەتنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، چو سونخىنىڭ موسكۋا زىيارىتى، كىم جوڭئۇننىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيەگە قىلىدىغان زىيارىتى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ، تەپسىلاتلارنى پىلانلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - North Korea likely received help from Russia on submarines: South Korea

ئېۋخا ئاياللار ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي كورېيە تەتقىقاتى پىروفېسسورى پارك ۋونگون AFP غا بەرگەن باياناتىدا: «پۇتىن 2024-يىلىدىكى پيوڭياڭ زىيارىتىدىن بۇيان كىم جوڭئۇننى كۆپ قېتىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى» دېدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئايدا پيوڭياڭغا ئېلىپ بارغان ئالاھىدە زىيارىتىدە كىم جوڭئۇن بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

پيوڭياڭ موسكۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشماقتا، ئەمما رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى شىمالىي كورېيە تاشقى سودىسىنىڭ تەخمىنەن يۈزدىن 98 نى خىتاي بىلەن قىلغان. خىتاي ھازىرمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي شېرىكى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پارك: «كىم بۇ يىل خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىمۇ زىيارەت قىلىشنى خالايدۇ. بۇ شىمالىي كورېيەنىڭ دىپلوماتىك يېتىم قېلىشتىن چىقىش جەريانىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ھەم خىتايدىن ھەم رۇسىيەدىن كەلگەن قوللاشنى تەكىتلەش ئارقىلىق شىمالىي كورېيە-خىتاي-رۇسىيە ئىتتىپاقى ئوبرازىنى كۈچەيتىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزدىن ئىرانغا تەھدىت سالدى
روسئاتوم: «قارا دېڭىزدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئوچرىغان كونتېينېر پاراخوتى چۆكۈپ كەتتى»
مىسىردا 5.3 بال يەر تەۋرىدى
ئىسرائىلىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئائىت تەكشۈرۈش دېلولىرىنىڭ %93 ىنى يېپىۋەتتى
روسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى كىيېۋدىكى لىتۋانىيە ئەلچىخانىسىغا زىيان يەتكۈزدى
زېلېنسكىي روسىيەدىكى 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ۋە بىر كونتېينېر پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
موسكۋادا بىر قەھۋەخانا يېنىدا پارتلاش يۈز بەردى
پېرۇدا ساياھەت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 13 كىشى ئۆلدى