تۈركىيە ۋە ئەنگلىيە يېڭى «Eurofighter» كېلىشىمى ئارقىلىق مۇداپىئە ئالاقىسىنى كۈچەيتمەكتە
تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ۋە ئەنگلىيە يېڭى «Eurofighter» كېلىشىمى ئارقىلىق مۇداپىئە ئالاقىسىنى كۈچەيتمەكتەيېڭى كېلىشىم «Typhoon» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاسراش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئەنقەرە بىلەن لوندوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە.
تۈركىيە ۋە ئەنگلىيە يېڭى «Eurofighter» كېلىشىمى ئارقىلىق مۇداپىئە ئالاقىسىنى كۈچەيتمەكتە / AA

تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىككى ئىتتىپاقداش ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى بىر قەدىمى سۈپىتىدە، «Eurofighter Typhoon» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئاسراش ۋە مەشغۇلات قىلىشنى قوللاشنى نىشان قىلغان يېڭى بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.

كېلىشىم چارشەنبە كۈنى لوندوندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر بىلەن ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى جون ھېلى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت جەريانىدا ھاسىل قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلىشىم «Eurofighter Typhoon» پىروگراممىسى دائىرىسىدىكى ئايروپىلانلارنى تېخنىكىلىق ۋە ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتىن قوللاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئايروپىلانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەشغۇلات ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىدىكەن.

قوللاش كېلىشىمى چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان سېتىۋېلىش كېلىشىمىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ

مەزكۇر يېڭى كېلىشىم تۈركىيەنىڭ 20 دانە «Typhoon» ئۇرۇش ئايروپىلانى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك جابدۇق ۋە ئوق-دورىلارنى سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئالدىنقى يىلى ئىمزالانغان 8 مىليارد ستېرلىڭ (10 مىليارد 700 مىليون دوللار) قىممىتىدىكى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك كېلىشىمدىن كېيىن ئىمزالاندى.

دائىرىلەر مەزكۇر پىروگراممىغا مۇناسىۋەتلىك ئايرىم بىر سېتىۋېلىش توختامىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆكتەبىر ئېيىدا تاماملانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئاسراشنى ئاساس قىلغان كېلىشىمگە يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيمەكتە

مىنىستىر گۈلەر بىلەن ۋەزىر ھېلى سۆھبەت جەريانىدا يەنە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە ئىككى تەرەپ ئالدىمىزدىكى يىللاردا ھەربىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە تەۋرەنمەس پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى.

«Eurofighter» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم شېرىكلىرىدىن بىرى بولغان ئەنگلىيە، گېرمانىيە 2024-يىلى سېتىشقا قارىتا قويغان ۋېتو ھوقۇقىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، ئايلارچە داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان بۇ كېلىشىمنىڭ ئىشقا ئېشىشىدا تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى