تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرەب-ئىسلام باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇنقى تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
خاقان فىدان، قاتاردا ھاماس رەھبەرلىك قاتلىمىغا قارىتىلغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ۋە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دوھاغا جىددىي يىغىنغا بارىدۇ.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرەب-ئىسلام باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇنقى تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەرەب-ئىسلام باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇنقى تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، يەكشەنبە كۈنى دوھادا ئۆتكۈزۈلىدىغان مىنىستىرلار دەرىجىلىك تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىغىن، دۈشەنبە كۈنى قاتار پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پەۋقۇلئاددە ئەرەب-ئىسلام باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

تەييارلىق يىغىنىدا، قاتارنىڭ تەلىپى ۋە تۈركىيەنىڭ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، 9-سېنتەبىر ئىسرائىلىيەنىڭ دوھاغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن چاقىرىلغان پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىدا سۇنۇلىدىغان قارار لايىھەسى ئۈستىدە توختىلىنىدۇ.

فىداننىڭ، تۈركىيەنىڭ قاتار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى قايتا تەكىتلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنى پەقەت تىنچلىق تىرىشچانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى قاتارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىمۇ نىشانغا ئالغانلىقى بىلەن ئەيىبلىشى كۈتۈلمەكتە. ئۇندىن باشقا، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىرقىي قىرغىنچى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى مۇمكىن.

دىپلوماتىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، فىدان، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ پەقەت پەلەستىنلىكلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تېخىمۇ كەڭ رايون خاراكتېرلىك تەھدىتكە ئايلىنىدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنى قايتىلاشنى پىلانلىماقتا.

فىداننىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ «ئىككى دۆلەت» لىك ھەل قىلىش چارىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنى ۋە رايونلۇق كىرىزىسلاردىن سىياسىي مەقسەتتە پايدىلىنىش تىرىشچانلىقىنى تەنقىد قىلىشى، رايوندىكى ئاكتىيورلار ۋە مەسئۇلىيەتچان دۇنيا كۈچلىرىنى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىشى كۈتۈلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Recognising Gaza, exposing Israel's crimes, creates a fairer world, says Türkiye

ئۈچىنچى قېتىملىق ئورتاق ئەرەب ۋە ئىسلام باشلىقلار يىغىنى

مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، بىر قانچە دۆلەتنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش نىيىتىنى ئېلان قىلغان يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەتلەرنى تارتىپ، بۇ ۋەزىيەتنى ئىسرائىلىيەگە قارشى كونكرېت تەدبىرلەر بىلەن قوللاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

فىداننىڭ، پەلەستىننىڭ ب د ت غا تولۇق ئەزا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىشكە چاقىرىشى ۋە غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ جىددىي زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىشى كۈتۈلمەكتە.

دۆلەت باشلىقلىرى قاتنىشىدىغان بۇ پەۋقۇلئاددە يىغىن، ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر غەززە ئۇرۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق ئورتاق ئەرەب ۋە ئىسلام باشلىقلار يىغىنى بولىدۇ.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە ئىشغال قىلىنغان غەربىي قىرغاققا قاراتقان ھۇجۇملىرى، ئىشغالىيەت ۋە ئۆزىگە قوشۇۋېلىش سىياسەتلىرى ھەمدە ھاماس رەھبەرلىكىنى دوھادا نىشانغا ئالغان ھۇجۇمى قاتارلىق مەسىلىلەر يەر ئالىدۇ.

ئەڭ يېقىنقى پەۋقۇلئاددە ئەرەب ۋە ئىسلام باشلىقلار يىغىنلىرى 2023-يىلى نويابىر ۋە 2024-يىلى نويابىردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye stands with Qatar after Israel attacks Hamas delegation in Doha

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئائىلە فېستىۋالىنى زىيارەت قىلدى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1587 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ مەدىنەدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئەردوغان: «تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە» تىرىشچانلىقلىرى رەقىبلەرنى چەكلەش رولىنى ئوينىدى
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنى قولغا چۈشۈردى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى