سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
6500 ئەسكەر ۋاشىنگتوندا پاراتتىن ئۆتىدۇ - ئامېرىكا ئارمىيەسى 250 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ
14-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان پاراتتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ھەربىي ئاكادېمىيە ئوقۇغۇچىلىرى، ئارمىيە قاتناشقان كۈرەشلەرنى سىمۋوللۇق ھالدا نامايان قىلىدۇ.
6500  ئەسكەر ۋاشىنگتوندا پاراتتىن ئۆتىدۇ - ئامېرىكا ئارمىيەسى 250 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ
2025-يىلى 14-ئىيۇن، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ 79 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە كۈنى ھەيۋەتلىك بىر پائالىيەتتە بىرلىشىدۇ. / Public domain

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئامېرىكا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 14-ئىيۇن ھەربىي پارات ئۆتكۈزىدۇ. ئاق ساراي، بۇ پائالىيەتنىڭ شۇنداقلا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 79 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگىمۇ توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاق ساراي باياناتچىسى ئاننا كېللىي، X  [ئىلگىرىكى تىۋىتتېر] سۇپىسىدا بايانات بېرىپ، ترامپنىڭ «ئامېرىكالىق پېشقەدەم ئەسكەرلەر، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر ۋە ھەربىي تارىخقا ھەربىي پارات ئارقىلىق ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقى»نى قەيت قىلدى.

كېللىينىڭ باياناتىدا ئۇلانما قىلىنغان «فوكس نيۇز» خەۋىرىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مۇراسىمغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ھەربىي ئاكادېمىيە ئوقۇغۇچىلىرى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تارىختا قاتناشقان توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلىرىدىن سىمۋوللۇق كۆرۈنۈشلەرنى ئورۇندايدىكەن. بۇ توقۇنۇشلار ئامېرىكا ئىنقىلابىدىن تارتىپ يەرشارىۋى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكىچە بولغان دەۋرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«ۋاشىنگتون شەھەر گېزىتى» ئۆتكەن ئاي پېنتاگوندىن [ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسى] تارتىپ ئاق سارايغىچە بولغان ئالتە كىلومېتىرلىق لىنىيەدە بىر ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ترامپ، تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە فىرانسىيەدىكى باستىل كۈنى پاراتىغا قاتناشقاندىن كېيىن ۋاشىنگتوندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. لېكىن، پېنتاگوننىڭ بۇنىڭغا 92 مىليون دوللار خىراجەت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ۋە تانكىلار بىلەن باشقا ئېغىر ھەربىي ماشىنىلارنىڭ شەھەر يوللىرىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقىغا دائىر ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن بۇ پىكىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغانىدى.

ۋاشىنگتون شەھەر باشلىقى مۇرېل بوۋسېر، ئۆتكەن ئايدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئوخشاش ئەندىشىلەرنى تەكرارلىدى. «ھەربىي تانكىلارنىڭ كوچىلىرىمىزدا يۈرۈشى ياخشى ئىش ئەمەس،» دېگەن بوۋسېر، «ئەگەر تانكىلار ئىشلىتىلىدىغان بولسا، يوللارنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن مىليونلارچە دوللار قوشۇمچە مەبلەغ ئاجرىتىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىرى ۋە ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ھازىرقى ھەربىي پىلانلاردا 6500 دىن ئارتۇق ئەسكەر، تەخمىنەن 150 ھەربىي ماشىنا ۋە 50 ئايروپىلاننىڭ ۋاشىنگتون DC دا ۋەزىپە ئۆتەش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

كۈچ نامايان قىلىش

ئامېرىكانىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئۆز تارىخى ۋە خاتىرە كۈنلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. ھەربىي ساھەدە «تۇغۇلغان كۈن» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تەبرىكلەشلەر، ئامېرىكا مىقياسىدا ۋە دۇنيادىكى ھەربىي بازىلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. «رويتېرس» ئاگېنتلىقى ئېرىشكەن بىر ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، 14-ئىيۇندىكى پارات بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر ھەپتىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ يېڭى پىلانلاردا بىر نەچچە مىڭ قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ئونلىغان ھەربىي ماشىنا بار بولۇپ، بۇ ماشىنىلار پارات بولمىسا زۆرۈر ئەمەسكەن. مەزكۇر ئەمەلدار يەنە، پىلاننىڭ تېخى پىلانلىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزگىرىش بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا بۇ پاراتنىڭ ئاق ساراينىڭ تەلىپىمۇ ياكى ئارمىيەنىڭ ئۆزلۈكىدىن پىلانلىغان ئىشىمۇ؟ بۇنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ يەنە، پىلاننىڭ تېخى ئاق ساراي ياكى پېنتاگوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانمىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ترامپ، ئىلگىرى ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەنىدى. ئامېرىكادا ھەربىي پاراتلار ئادەتتە كەم ئۇچرايدۇ. باشقا دۆلەتلەردە بۇ خىل مۇراسىملار كۆپىنچە ئۇرۇش غەلبىلىرىنى تەبرىكلەش ياكى ھەربىي كۈچنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ترامپ، پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، گەرچە 14-ئىيۇننى تىلغا ئالمىسىمۇ، ھەربىي تەبرىكلەشلەرگە ئىشارەت قىلدى. ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «ترۇس سوشىيال»دا: «نۇرغۇن ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز 8-ماينى غەلبە كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلەيدۇ، ئەمما بىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىش ئۈچۈن باشقا ھەرقانداق دۆلەتتىنمۇ كۆپ بەدەل تۆلىدۇق. بىز غەلبىلىرىمىزنى قايتىدىن تەبرىكلەشكە باشلايمىز!» دەپ يازدى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى