خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى
تېھراندىكى گاز ئەسلىھەلىرگە ھۇجۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ئىران پارىس قولتۇقتىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى.
ئىران  پارىس قولتۇقىدىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش  بىلەن تەھدىت سالدى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش بىلەن تەھدىت سالدى / Reuters

ئىران بىلەن جەنۇبىي پارس گاز مەيدانىنى ئورتاق ئىشلىتىىۋاتقان دۆلەت قاتار، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

ئىراننىڭ ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى (IRGC)، جەنۇبىي قولتۇق دۆلەتلىرىدىكى چوڭ نېفىت ۋە گاز ئەسلىھەلىرىگە قارىتا پات يېقىندا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ جەنۇبىي پارس گاز مەيدانىدىكى ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن بېرىلدى.

يېرىم رەسمىي ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى تەسنىمنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چارشەنبە كۈنى IRGC سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى (UAE) ۋە قاتاردىكى بىر قانچە ئەسلىھەلەرنىڭ ئەتراپىدىكى پۇقرالار ۋە ئاھالىلەر ئۈچۈن «جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش» ئېلان قىلدى. ئورگان پارىس قولتۇقى ھۆكۈمەتلىرىگە ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ «خەتەرلىك يول» تۇتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئىران تاراتقۇلىرى چارشەنبە كۈنى جەنۇبتىكى ئاسالۇيە شەھىرىدىكى جەنۇبىي پارس مەيدانىدا جايلاشقان گاز ساقلاش باكلىرىغا ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار ئېلان قىلىندى. بۇ ھۇجۇم ئىككى نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى توختاىتىپ قويدى، بۇ زاۋۇتلارنىڭ كۈندىلىك ئومۇمىي سىغىمى تەخمىنەن 100 مىليون كۇب مېتىر ئىدى.

جەنۇبىي پارس مەيدانىنى ئىران بىلەن ئورتاق ئىشلىتىدىغان قاتار، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماجىد ئەل-ئەنسارى X ھېسابىدا: «ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارنىڭ شىمالىي مەيدانىنىڭ داۋامى بولغان ئىراننىڭ جەنۇبىي پارس گاز مەيدانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى نىشانلىشى، رايوندىكى ھەربىي كۈچىيىش ۋەزىيىتىدە خەتەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىز قەدەمدۇر» دەپ يازدى. ئۇ يەنە «ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ نىشانلىنىشى يەر شارى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، رايون خەلقى ۋە مۇھىت ئۈچۈن تەھدىتتۇر» دېگەنلەرنى قوشۇمچە قىلدى.

ئىراننىڭ ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى باياناتىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى SAMREF زاۋۇتى ۋە جۇبەيل نېفىت خىمىيە زاۋۇتى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەل خوسن گاز مەيدانى، قاتاردىكى مەسائىد نېفىت خىمىيە زاۋۇتى ۋە راس لاففان زاۋۇتى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئورۇنلارنى «بىۋاسىتە ۋە قانۇنلۇق نىشانلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئىراننىڭ ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى پۇقرالارنى، رايون ئاھالىلىرىنى ۋە ئىشچىلارنى بۇ رايونلاردىن دەرھال ئايرىلىشقا ۋە كېچىكتۈرمەي بىخەتەر ئارىلىققا چېكىنىشكە چاقىردى؛ ئەسلىھەلەرنىڭ «ئالدىمىزدىكى بىر قانچە سائەت ئىچىدە» نىشانلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىرانغا قارشى بىرلىكتە ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئالىي رەھبەر ئەلى خامەنېينىمۇ بئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تەخمىنەن 1300 كىشى ئۆلدى. ئىران بولسا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تۇرۇشلۇق پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشانلاپ ئادەم ئۆلۈش ۋە ئۇل ئەسلىھە زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran hits back at Israel and Gulf states following Larijani assassination as Tel Aviv strikes Beirut
ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار