سانكت پېتېربۇرگدىكى كونستانتىنوۋىسكىي سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوفنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە توختالغان ئۇشاكوف، ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن كۆرۈشۈشكە تور ئارقىلىق قاتناشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇشاكوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پۇتىننىڭ ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن توققۇزىنچى قېتىم كۆرۈشۈشى بولۇپ، ئۈچ سائەت داۋاملاشقان سۆھبەت «ئەتراپلىق ۋە ئوچۇق» ئۆتكەن. ۋىتكوف ئىلگىرى ئوسلودا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي، بەزى ياۋروپا رەھبەرلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنىدى.
ئۇشاكوف ۋىتكوفنىڭ ئوسلودىكى مۇزاكىرىلەر ۋە بەزى يېڭى تەكلىپلەر ھەققىدە پۇتىنغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ: «لېكىن بۇ يېڭى تەكلىپلەردە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولغۇدەك ئانچە كۆپ مەزمۇن يوق ئىدى» دېدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتىن ۋىتكوفقا ئۈچ تەرەپلىك مۇزاكىرىنى 10-نويابىر ئەتراپىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پىرىنسىپ جەھەتتىن تەييار ئىكەنلىكىنى يەتكۈزگەن. مۇزاكىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى توقۇنۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۈچۈن بىخەتەرلىك تۈزۈمى قۇرۇش بولىدىكەن. ئۇشاكوف ۋىتكوفنىڭ بۇ قارارنى ترامپنىڭ خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇشاكوف يەنە نويابىردا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا–تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) باشلىقلار يىغىنىدا رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇش ئېھتىمالىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىاۋە قىلدى.






















