«بلاكروك» شىركىتى خىتايغا ساياھەت قىلغۇچى خادىملىرىنىڭ شىركەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىدى

بۇ خەۋەر شىركەتلەرنىڭ خىتايغا قىلىدىغان ساياھەتلىرىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نازارەت ۋە زىيارەت چەكلىمىلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى.

/ Reuters

«بىلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئىگىلىگەن ئىچكى خەت-ئالاقە ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، «بلاكروك» شىركىتى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا ساياھەتكە بارىدىغان خىزمەتچى-خادىملىرىدىن ۋاقىتلىق ۋە ئارىيەتكە ئالغان تېلېفونلارنى ئىشلىتىشنى، شىركەتنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرلىرىدىن بولسا يىراق تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر ئورگان، خادىملىرىغا شىركەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان «ئايفون» ۋە «ئايپەد» قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، شىركەتنىڭ ئۆز خادىملىرىنىڭ خىتايدا شىركەتنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرلىرىنى ئىشلىتىشىنى ياكى مەۋھۇم خۇسۇسىي تور (VPN) ئارقىلىق يىراقتىن تورغا چىقىشىنىمۇ چەكلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ھەتتا شەخسىي سەۋەبلەر بىلەن خىتايغا بارغان تەقدىردىمۇ، شىركەت تورىنى زىيارەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

«رويتېرس» خەۋەر ئاگېنتلىقى مەزكۇر خەۋەرنى مۇستەقىل ھالدا دەلىللىيەلمىگەن، «بلاكروك» شىركىتى بولسا، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا تېخىچە جاۋاب بەرمىگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىي ئىشلىرى بىلەن دۆلەتكە كىرگەن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئامېرىكا پاتېنت ۋە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى خادىمىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىنى چەكلەپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا بولسا، «ۋېلس فارگو» بانكىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭمۇ خىتايدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ بانكا خادىمىنىڭ بىر جىنايى ئىشلار دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.