پۇتىن گىرېنلاندقا 1 مىليارد دوللار باھا قويدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن گىرېنلاندقا 1 مىليارد دوللار باھا قويدى، دانىيەنى «مۇستەملىكىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىدى.

By
پۇتىن دانىيەنى ئارال خەلقىگە قارىتا «مۇستەملىكە» دەك مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. رويتېرس. / Reuters

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن 1867-يىلىدىكى ئالياسكا كېلىشىمىگە تايىنىپ، ئامېرىكانىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختالغاندا، دانىيەنى شىمالىي قۇتۇپتىكى ئۇ ئارالنى رەھىمسىزلەرچە مۇستەملىكىچىلىك بىلەن باشقۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن گىرېنلاندنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق تالاش-تارتىشلار كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە كۈچلۈك بايانات ئېلان قىلدى.

 ئۇ ئەگەر ئامېرىكا بۇ شىمالىي قۇتۇپ زېمىنىنى دانىيەدىن سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭ باھاسى «1 مىليارد دوللارغىچە» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۇتىن ئامېرىكانىڭ ئۆتمۈشتىكى ئالياسكانى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى ۋە بەزى ئاددىي ھېسابلاشلارنى ئاساس قىلدى.

ئۇ يەنە كوپېنھاگېننىڭ (دانىيە پايتەختى) گىرېنلاندقا تۇتقان تارىخىي مۇئامىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، دانىيە ئارال خەلقىگە «مۇستەملىكىچىلىك» قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

چارشەنبە (2026-يىلى 21-يانۋار) كۈنى رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغان رۇسىيە رەھبىرى، موسكۋانىڭ گىرېنلاند تالاش-تارتىشىنى ۋاشىنگتون بىلەن كوپېنھاگېن ئۆزئارا ھەل قىلىدىغان مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ بۇ ئىشتا ھېچقانداق مەنپەئەتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ بىزگە مۇناسىۋەتسىز، مېنىڭچە ئۇلار ئۆزئارا ھەل قىلىۋالىدۇ» دېدى.

تىرامپ گىرېنلاندقا ئېرىشىشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىدىكى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى، رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ ئۇنى ئىگىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ بۇ ئارالغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى. ياۋروپادىن شىمالىي ئامېرىكاغا بارىدىغان ئەڭ قىسقا يول گىرېنلاند ئارقىلىق ئۆتىدىغان بولغاچقا، بۇ ئارال ئامېرىكانىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

گىرېنلاند ناتو، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى كۆپىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، جۇغراپىيەلىك سىياسىي تۈگۈن نۇقتىسىدا تۇرىدۇ. ئامېرىكا رۇسىيە پاراخوتلىرى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن رادارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي بازىلىرىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

رۇسىيە موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ گىرېنلاندقا تەھدىت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلەرگە، ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئۈچۈن توقۇلغان سەپسەتە دەپ باھا بەردى.

بۇ ئارالنىڭ پايتەختى نۇك (Nuuk) دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېنغا قارىغاندا نىيۇ يوركقا تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، ئۇ يەر كان بايلىقى، نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا باي. ئەمما، تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستا، كانچىلىقتا ئامېرىكانىڭ مەبلىغى ئىنتايىن چەكلىك.

پۇتىننىڭ باھا قويۇشى ۋە تارىخىي ئوخشىتىشلىرى

پۇتىن ئۆز پىكىرلىرىنى ئامېرىكانىڭ تارىختىكى يەر سېتىۋېلىش ئەھۋالىغا ئاساسلانغان.

ئۇ تېلېۋىزىيەدە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ 1867-يىلى ئالياسكانى رۇسىيەدىن 7.2 مىليون دوللارغا سېتىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ چاغدا بۇ كېلىشىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىليام سېۋاردنىڭ (William Seward)  قارارىغا قارىتا «سېۋاردنىڭ ئەخمىقانىلىقى» دەپ مەسخىرە قىلىنغان بولۇپ، تەنقىدچىلەر «ھېچقانداق قىممىتى يوق ناچار قارار» دەپ باھالىغان ئىدى. ئەمما كېيىنچە، بۇ سېتىۋېلىش ئامېرىكا ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ چىقتى.

پۇتىننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئەگەر گىرېنلاندنىڭ كۆلىمى بىلەن ئالياسكانىڭ ئۆتمۈشتىكى سېتىش قىممىتى سېلىشتۇرۇلغاندا، گىرېنلاندنىڭ باھاسى تەخمىنەن 200 مىليون دوللاردىن 250 مىليون دوللارغىچە بولىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئالتۇننىڭ قىممىتىنى ھېسابقا ئالغاندا، پۇتىن بۇ باھانىڭ «تەخمىنەن 1 مىليارد دوللار» غا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ئۇ يەنە: «مېنىڭچە ئامېرىكانىڭ بۇنداق سوممىنى تۆلەشكە قۇربى يېتىدۇ» دەپ قوشۇپ قويدى.

باشقا زېمىن مىساللىرى

پۇتىن يەنە ئامېرىكانىڭ بىر قېتىم دانىيەدىنمۇ يەر سېتىۋالغانلىقىنى، يەنى 1917-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دانىيەنىڭ « غەربىي ھىندى ئاراللىرى» نى (ئامېرىكانىڭ ھازىرقى ۋىرجىن ئاراللىرى) 25 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئالتۇنغا سېتىۋالغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

شۇ قېتىملىق كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ۋاشىنگتون دانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى پۈتۈن گىرېنلاندقا كېڭەيتىشى» گە قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، دانىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا، پۇتىننىڭ سۆزلىرى دانىيەنىڭ گىرېنلاندنى ئۇزۇن مۇددەت باشقۇرۇشىنى نىشانلىدى. ئۇ دانىيەنىڭ «گىرېنلاندقا ھەمىشە مۇستەملىكىچىدەك مۇئامىلە قىلغانلىقى» نى ۋە بۇنى «ئىنتايىن قاتتىق، ھەتتا رەھىمسىزلەرچە» قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۇتىن بۇنى جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەنپەئەتتىن بەكرەك، تارىخىي كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقى نۇقتىسىدىن شەرھلىدى.

گىرېنلاند 18-ئەسىردىن باشلاپ دانىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ كەلگەن، پەقەت يېقىنقى ئون يىللاردا كەڭ كۆلەمدە ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئەمما، تاشقى ئىشلار ھەمدە دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە كوپېنھاگېنغا قارايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا دانىيەنىڭ ياردەم پۇلىغا تايىنىدۇ.

دانىيە گىرېنلاندقا قانداق ئېرىشكەن؟

گىرېنلاندتا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2500-يىللاردىن باشلاپ ئاسىيا ۋە شىمالىي ئامېرىكادىن كەلگەن ئىنيۇئىت (Inuit) خەلقلىرى ياشاپ كەلگەن. مىلادى 985-يىلى ئەتراپىدا، «قىزىل ئېرىك» «  (Erik the Red) باشچىلىقىدىكى ۋىكىڭلار (Viking) گىرېنلاندنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلىشىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە چېركاۋلارنى سالغان. شۇ مەزگىللەردە بۈگۈنكى ئىنيۇئىتلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1400-يىللار ئەتراپىدا ئۇلار ۋىكىڭلارنى سىقىپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئاساسلىق مەدەنىيەتكە ئايلانغان.

دانىيە 18-ئەسىردە، يەنى 1721-يىلى مىسيونېر خانس ئېگېدې (Hans Egede) كەلگەندىن كېيىن گىرېنلاندنى مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇردى. بۇ ۋاقىت مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىنىڭ باشلىنىشى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئېگېدېنىڭ ھەيكىلى ھازىرمۇ پايتەخت نۇك پورتىدىكى بىر ئېگىزلىكتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن گىرېنلاندلىقلار بۇ ھەيكەلنى يوقاپ كەتكەن ئىنيۇئىت ئەنئەنىلىرىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.

گىرېنلاند 1953-يىلى يىلى دانىيە ئاساسىي قانۇنى بويىچە مۇستەملىكە سالاھىيىتىدىن چىقىرىلىپ رەسمىي زېمىنغا ئايلاندۇرۇلغان، ئەمما گىرېنلاندلىقلارنىڭ پىكىرى ئېلىنمىغان. ھەرقانداق سېتىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. 2009-يىلىدىن باشلاپ، گىرېنلاند ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ۋە دانىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقى بىلەن مۇستەقىللىق جاكارلىيالايدىغان ھوقۇققا ئىگە بولدى.

ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى كەڭ بولسىمۇ، تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ ساھەلەر ئۆزئارا كېلىشىش ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلسە بولىدۇ. گىرېنلاندتا تەخمىنەن 57 مىڭ نوپۇس ياشايدۇ، ئۇل- ئەسلىھەلىرى چەكلىك، 17 بازار ئارىسىدا تاشيول يوق.

دانىيە ئارالنى سېتىشقا كەسكىن قارشى چىقتى، گىرېنلاند رەھبەرلىرىمۇ ئارالنىڭ سېتىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقتىمۇ پۇتىننىڭ رۇسىيەنىڭ ئارالدا بىۋاستە مەنپەئەتىنىڭ يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى ۋە دانىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىشى، شىمالىي قۇتۇپ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ئەتراپىدا شەكىللىنىۋاتقان جۇغراپىيەلىك سىياسىي بايانلارنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.