يالوۋا ۋىلايىتىدىكى دائىشچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يەتتە نەپەر ساقچى يارىلاندى

تۈركىيەنىڭ يالوۋا ۋىلايىتىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

By
تۈركىيەنىڭ يالوۋا ۋىلايىتىدە داۋاملىشىۋاتقان دائىش تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يەتتە ساقچى يارىلاندى / AA

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يالوۋا ۋىلايىتىدە دائىش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

مەنبەلەر، ساقچىلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى سەھەردە شەھەر مەركىزىگە يېقىن ئەلمالىق يېزىسى يولىغا جايلاشقان بىر ئۆيدە دائېشقا قارشى ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى، ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىش جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ھەرىكەتكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى بۇرسا ۋىلايىتىدىن ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى رايونغا ئەۋەتىلدى؛ ھەرىكەت جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا داۋاملاشماقتا.

ئەمەلدارلار، يارىلانغان ساقچىلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ئەھۋاللىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.