تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 103 ياشقا كىردى
تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 103 ياشقا كىردىئانادولۇ تاجاۋۇزچىلىقتىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)، (ت ب م م TBMM) تەرىپىدىن 1923-يىلى 29-ئۆكتەبىردە جۇمھۇرىيەتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغا 103 يىل تولدى.
بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 103 يىل تولغان كۈندۇر.

مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن، تۈرك مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى يېڭى بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تاجلاندۇرغان جۇمھۇرىيەتكە تۇتاشقان بۇ مۇساپىدە، 1923-يىلى 28-ئۆكتەبىر كېچىسى تارىخنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئەنقەرە چانقايا سارىيىدىكى بىر كەچلىك زىياپەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىگەن بۇ تارىخىي قارار، ئەتىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ماقۇللىنىپ، يېڭى تۈرك دۆلىتىنىڭ ئىدارە قىلىش شەكلىنى رەسمىي بېكىتتى.

جۇمھۇرىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان يول، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ 1919-يىلى 19-مايدا سامسۇنغا قەدەم بېسىشى بىلەن باشلانغان مىللىي ئازادلىق يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن ئىدى.

ئاتاتۈرك ئەرزۇرۇم قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە مەزھەر مۇفىت كانسۇغا غەلىبىدىن كېيىن قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت شەكلىنىڭ «جۇمھۇرىيەت» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما دەۋرنىڭ شارائىتى سەۋەبىدىن بۇ كۆز قارىشىنى بىر مەزگىل ئاشكارىلىمىغان ئىدى.

1920-يىلى 23-ئاپرېلدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن خەلق ھاكىمىيىتىگە تايانغان يېڭى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى سېلىندى. 1923-يىلى 24-ئىيۇلدا لوزان تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقى خەلقئارا سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، 13-ئۆكتەبىردە ئەنقەرەنىڭ پايتەخت دەپ ئېلان قىلىنىشى يېڭى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمىسىدىكى ھالقىلىق بىر قەدەم بولدى.

لېكىن، ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى غەلىبىلەردىن كېيىن قۇرۇلغان بۇ يېڭى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئېنىق بەلگىلەش ۋە دۆلەت رەئىسلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش زۆرۈر ئىدى. 1923-يىلى 27-ئۆكتەبىردە ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ (ھۆكۈمەتنىڭ) ئىستېپا بېرىشى ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنەلمەسلىكى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن سىياسىي كىرىزىس دۆلەت باشقۇرۇشىدا يېڭى بىر ئۆزگىرىشنى مەيدانغا كەلتۈردى.

چانقايادا تارىخقا يېزىلغان ئاخشام

كالېندار 1923-يىلى 28-ئۆكتەبىرنى كۆرسەتكەندە، ئەنقەرە، تۈرك سىياسىي تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم قارارلىرىنىڭ بىرىگە گۇۋاھ بولۇش ئالدىدا تۇراتتى.

مۇستاپا كامال پاشا شۇ كۈنى كەچتە يېقىن خىزمەتداشلىرىنى چانقايا سارىيىغا كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى. لەتىفە خانىم تەييارلىغان داستىخان ئەتراپىدا ئىسمەت پاشا، كازىم پاشا، فەتھى بەگ، كەمالەددىن سامى پاشا، خالىد پاشا، فۇئات بەگ ۋە رۇشەن ئەشرەف بەگ قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر بىر يەرگە جەم بولدى. چانقايا سارىيىدا جاكارلانغان بۇ قارار، ئەتىسىلا مەجلىسنىڭ ئالدىغا قويۇلىدىغان ئاساسىي قانۇن ماددىسىغا ئايلاندى.

جۇمھۇرىيەت سائەت 20:30 دا ئېلان قىلىندى

1923-يىلى 29-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تۈرك مىللىتىنىڭ كەلگۈسىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدىغان تارىخىي مۇزاكىرەلەرگە شاھىت بولدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئارخىپىدىكى ئەينى دەۋرنىڭ فىرانسۇزچە خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەجلىس سائەت 18:00 دە ئېچىلدى. ئاساسىي قانۇن كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ۋە جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىشنى مەزمۇن قىلغان لايىھە، مەجلىسنىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى.

مۇزاكىرە جەريانىدا سۆز ئالغان يۇنۇس نادى بەگ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئېلان قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى توغرىسىدا توختالدى، باشقا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ يېڭى تۈزۈلمىگە ئالاقىدار كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. مۇزاكىرەلەردىن كېيىن، 1921-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، «تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت شەكلى جۇمھۇرىيەتتۇر» دېگەن ماددا ماقۇللاندى. سائەت دەل 20:30 بولغاندا، يىغىنغا قاتناشقان 158 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن جۇمھۇرىيەت رەسمىي ئېلان قىلىندى. مەجلىستە ماقۇللانغان بۇ تارىخىي قارار «ياشىسۇن جۇمھۇرىيەت!» دېگەن قىزغىن سادالار ۋە ئالقىشلار بىلەن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

بۇنىڭ بىلەن، 1920-يىلى 23-ئاپرېلدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئاساسى سېلىنغان خەلق ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسى، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش شەكلىدە رەسمىي ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بەختىيار، مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە غالىب بولغۇسىدۇر»

جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان شۇ كۈنى جۇمھۇر رەئىس سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 158 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق قوللىشىغا

ئېرىشكەن غازى مۇستاپا كامال پاشا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك نامى بىلەن تۇنجى قېتىم مەجلىس مۇنبىرىگە چىققان ئاتاتۈرك، تۈرك مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە كۆرسەتكەن قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ، يېڭى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تولۇق ئىشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاتاتۈرك ئۆزىنىڭ تارىخىي نۇتقىنى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بەختىيار، مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە غالىب بولغۇسىدۇر» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت رەھبەرلىكى مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنىپ، ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۇسۇلىمۇ قايتىدىن بېكىتىلدى. تۇنجى كابېنتنى تەشكىللەش ۋەزىپىسى ئىسمەت پاشاغا تاپشۇرۇلدى، فەتھى بەگ بولسا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ جاكارلىنىشى 29-ئۆكتەبىر كېچىسى ۋە ئەتىسى خەلق تەرىپىدىن تەنتەنىلىك تەبرىكلەندى. 1924-يىلى 26-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان پەرمان بىلەن جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان كۈننى 101 پاي زەمبىرەك ئېتىش ۋە تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈش بەلگىلەندى.

1925-يىلى 19-ئاپرېلدا قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپىگە ئاساسەن، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى تۈرك دۆلىتى زامانىۋىلىشىش ۋە دېموكراتىيەگە يۈزلىنىپ، 29-ئۆكتەبىر كۈنى 1925-يىلىدىن بۇيان «مىللىي بايرام» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈرك دۆلەتلىرى ئەنقەرەدە يېزا ئىگىلىكىدىن ئالەم بوشلۇقىغىچە ھەرخىل ھەمكارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
رۇسىيە: ۋورونېژدىكى ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا پويىزدىكى ئىككى كىشى قازا قىلدى
ئىران: مەككە ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تېھراننى زىيارەت قىلىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپتىن ئىرانغا يېڭى ئۇلتىماتۇم: كېلىشىم تۈزەيمۇ ياكى يوق قىلايمۇ؟
ھۇسىيلار يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىگە كۆپ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە بىلەن سودا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا «ئەتە» ھۇجۇم قىلىشى ياكى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمۇ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە
ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى
پاكىستان مەككە مۇداپىئە شەرتنامەسىنى تەستىقلىدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق