خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى، نېتانياھۇغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قارارىنى ئالدى
ئىسرائىلىيەدە يېقىنلىشىۋاتقان 27-ئۆكتەبىر سايلىمىدىن ئىلگىرى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قارارىنى ئالدى.
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى، نېتانياھۇغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قارارىنى ئالدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى، نېتانياھۇغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قارارىنى ئالدى

سايلامغا سابىق ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت بىلەن «بىرلىكتە» قاتنىشىش قارارىنى ئالغان «كېلەچەك بار» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى يائىر لاپىد، ئامېرىكا مەركەزلىك X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئۆكتىچى رەھبەرلەرنىڭ ئۆيىدە يىغىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

لاپىد «ياشار» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گادى ئېيسېنكوت، «بىرلەمشمە» تىزىملىكتىن بېننېت، «ئۆيىمىز ئىسرائىلىيە» پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئاۋىگدور لىبېرمان ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى يائىر گولان بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدىن بىر پارچە سۈرەتنى ھەمبەھىرلىدى.

ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرۇش ئورتاق ئالىي نىشان

ئۇچۇرىدا پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش يۆنىلىشىدە ئىمزا قويغان ھۆججەتنىڭ سۈرىتىگىمۇ ئورۇن بەرگەن لاپىد: «ئارىمىزدا ئىدىيەۋى ئىختىلاپلار بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورتاق ئالىي نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ۋەزىپىمىز بار» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، سايلامغىچە پارتىيەلەر بىر-بىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلمايدۇ، پارتىيەلەرنىڭ ھەر بىرى ئايرىم-ئايرىم ئاۋازىنى كۆپەيتىپ ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا بىر گەۋدە سۈپىتىدە «ئىسرائىلىيەنى يەھۇدىي ۋە دېموكراتىك بىر دۆلەت سۈپىتىدە قوغدايدىغان» بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشقا يېتەرلىك بىر كۆپ سانلىققا يېتىشكە تىرىشىدۇ ۋە سايلامدىن كېيىنلا ئورتاق بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتلەرنى باشلايدۇ.

ئاۋازلارنى ئاشۇرۇش، سايلامدىن كېيىن قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەلىرىنى بەلگىلەش ۋە قارىلاش سەپەرۋەرلىكلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن 3 خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارارىمۇ ھۆججەتتە ئورۇن ئالدى.

شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىلىيەدە 27-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن ئىلگىرى، بىر گەۋدە دەپ قارىلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەر رەسمىي ھالدىمۇ بىر يەرگە جەم بولغان بولدى.

ئىسرائىلىيەدە سايلامغا ئالاقىدار قىلىنغان ئەڭ يېڭى راي سىناش نەتىجىلىرى، ئۆكتىچىلەر سېپىنىڭ 54-56 پارلامېنت ئەزاسىغا، نېتانياھۇ يېتەكچىلىكىدىكى ھاكىمىيەت سېپىنىڭ بولسا 50-52 پارلامېنت ئەزاسىغا يېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە سايلام تۈزۈمىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتتە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 120 ئورۇنلۇق پارلامېنتتا 61 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەك بولۇپ، راي سىناش نەتىجىلىرى ئىككى سەپنىڭمۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سانغا يېتەلمىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئىلگىرىكى كۈنلەردە ئىسرائىلىيە پارلامېنتى مەركىزىي سايلام كومىتېتى سايلامغا قاتنىشىشىنى چەكلەش قارارى ئالغان، ئۇلار توغرىسىدىكى ئاخىرقى قارارنى ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى چىقىرىدىغان پەلەستىنلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيەلەرنىڭ بولسا 12-14 پارلامېنت ئەزاسىغا يېتەلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ