ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بېيجىڭ دائىرىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا «ئېغىر» توسالغۇ ۋە تۈزۈلمىلىك كەمسىتىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىريۇسسېلنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. / Reuters

خىتاي تەرەپ ئەگەر مەزكۇر چەكلىمىچى بەلگىلىمىلەر بىكار قىلىنمىسا، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «سانائەتنى تېزلىتىش قانۇنى» (IAA) نىڭ مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە «ئېغىر» توسالغۇلارنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ۋە «تۈزۈلمىلىك كەمسىتىش» خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ «قانۇنلۇق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن قوغداش» ئۈچۈن قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — شىنخۇانىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ باتارېيە، توكلۇق ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە ھالقىلىق خام ئەشيا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تۆت ئىستراتېگىيەلىك ساھەدە چەت ئەل مەبلىغىگە نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنى ھۆكۈمەت خېرىدارلىقى ۋە قوللاش سىياسەتلىرىدىن چەتتە قالدۇرىدىغان ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى تەنقىد قىلدى.

باياناتچى خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەر بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئەندىشىلىرىگە پىسەنت قىلماي، قانۇننى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مارت ئېيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سانائەتنى تېزلىتىش قانۇنى» (IAA)، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ھەمدە ئادىل بولمىغان يەرشارىۋى رىقابەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى سىرتىدىكى تەمىنلىگۈچىلەرگە بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئالاقىدار رەسمىي مەيدانىنى ۋە ئېغىر ئەندىشىلىرىنى ياۋروپا كومىسسىيەسىگە يازما شەكىلدە سۇندى. خىتاي ئۆز پىكىرلىرىدە، مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا قارىتا كەمسىتىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش مۇساپىسىنى ئاستىلىتىدىغانلىقىنى ۋە بازاردىكى ئادىل رىقابەت مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بېيجىڭ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەلەپلەرنى، يەرلىك مەزمۇن شەرتلىرىنى، مەجبۇرىي بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەجبۇرىيەتلىرىنى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت خېرىدارلىقىغا ئالاقىدار چەكلىمىلەرنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىن چىقىرىپ تاشلاشقا چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى