ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بېيجىڭ دائىرىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا «ئېغىر» توسالغۇ ۋە تۈزۈلمىلىك كەمسىتىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىريۇسسېلنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. / Reuters

خىتاي تەرەپ ئەگەر مەزكۇر چەكلىمىچى بەلگىلىمىلەر بىكار قىلىنمىسا، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «سانائەتنى تېزلىتىش قانۇنى» (IAA) نىڭ مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە «ئېغىر» توسالغۇلارنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ۋە «تۈزۈلمىلىك كەمسىتىش» خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ «قانۇنلۇق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن قوغداش» ئۈچۈن قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — شىنخۇانىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ باتارېيە، توكلۇق ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە ھالقىلىق خام ئەشيا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تۆت ئىستراتېگىيەلىك ساھەدە چەت ئەل مەبلىغىگە نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنى ھۆكۈمەت خېرىدارلىقى ۋە قوللاش سىياسەتلىرىدىن چەتتە قالدۇرىدىغان ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى تەنقىد قىلدى.

باياناتچى خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەر بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئەندىشىلىرىگە پىسەنت قىلماي، قانۇننى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مارت ئېيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «سانائەتنى تېزلىتىش قانۇنى» (IAA)، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ھەمدە ئادىل بولمىغان يەرشارىۋى رىقابەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى سىرتىدىكى تەمىنلىگۈچىلەرگە بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئالاقىدار رەسمىي مەيدانىنى ۋە ئېغىر ئەندىشىلىرىنى ياۋروپا كومىسسىيەسىگە يازما شەكىلدە سۇندى. خىتاي ئۆز پىكىرلىرىدە، مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا قارىتا كەمسىتىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش مۇساپىسىنى ئاستىلىتىدىغانلىقىنى ۋە بازاردىكى ئادىل رىقابەت مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بېيجىڭ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەلەپلەرنى، يەرلىك مەزمۇن شەرتلىرىنى، مەجبۇرىي بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەجبۇرىيەتلىرىنى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت خېرىدارلىقىغا ئالاقىدار چەكلىمىلەرنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىن چىقىرىپ تاشلاشقا چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «ئانىلار بايرىمى» تەبرىكلىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاماس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان: «تۈركىيە ئورۇن ئالمىغان بىر ياۋروپا قۇرۇلمىسى چالا قالغان بولىدۇ»
مۇجتەبا خامەنېي ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پەردە ئارقىسىدىن باشقۇرماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەل ناھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ياپونىيەنىڭ يېقىنقى ئاكتىپ دىپلوماتىيەسى خىتاينى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا
ئىسرائىلىيە دۇنياۋى سۇمۇد فىلوتىدىن تۇتقۇن قىلغان ئىككى پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىدىغان بولدى
پۇتىن رۇسىيەنىڭ سلوۋاكىيەنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى ئۈچۈن «ھەممە ئىشنى» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىراننىڭ خارگ ئارىلى ئەتراپىدا نېفىت ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى كېڭەيمەكتە
ئامېرىكا ب د ت نىڭ قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يەنىلا رەت قىلىشى كۈتۈلمەكتە
ترامپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى،ئىككى تەرەپ بۇنى جەزملەشتۈردى
بېلگىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فرانكېن: (تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى) مەن ئۈچۈن بىر ئۈلگە خاراكتېرىگە ئىگە
ھىندونېزىيە ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يانار تاغ پارتلىشىدىن كېيىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى
ئامېرىكا سەھىيە ئورگىنى خانتاۋىرۇس يۇقۇمىنى «3-دەرىجىلىك» جىددىي ھالەت دەپ ئېلان قىلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خانتاۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى