تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: پەلەستىن دۆلىتىنى بوغۇش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ
ئەردوغان: «پەلەستىن دۆلىتىنى بوغۇش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. 1967-يىلدىكى چېگرا ئاساسىدا قۇرۇلغان، مۇستەقىل ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئىگە پەلەستىن دۆلىتى روياپقا چىقىدىغان ئاشۇ گۈزەل كۈنلەرنى، ئاللاھ خالىسا، كۆرىمىز.» دېدى.
ئەردوغان: پەلەستىن دۆلىتىنى بوغۇش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت نىڭ 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلماقتا. (سۈرەت/رېيتېرس)

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئەردوغاننىڭ نۇتقىدا پەلەستىن، ب د ت ئىسلاھاتى، رايونلۇق توقۇنۇشلار، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە سۈنئىي ئەقىل مەسىلىلىرى گەۋدىلىك ئورۇن ئالدى.

«پەلەستىن خەلقىنىڭ كۈرىشىنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ ئۇدا ئىككى يىل ئومۇمىي كېڭەشكە قاتنىشالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئەركىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پەلەستىننى تېخى ئېتىراپ قىلمىغان دۆلەتلەرنى قارارىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.

«ئىنسانىيەت ئەينى چاغدىكى كۈچلۈك ئىرادە روياپقا چىقىدىغان كۈنلەرنى كۈتمەكتە»

ئەردوغان ب د ت قۇرۇلۇپ 81 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ دۇنيانىڭ ھېلىھەم ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە 60 تىن ئارتۇق توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

«غەززە دەۋرىمىزدىكى ئەڭ غەيرىي ئىنسانىي يىغىۋېلىش لاگېرىدۇر»

ئەردوغان غەززەدىكى ۋەزىيەتكە ئىشارەت قىلىپ، مىڭلارچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يۇرت-ماكانىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ ئېغىر يېقىلغۇ كەمچىللىكىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ۋە قۇددۇستا مۇقەددەس جايلارغا كىرىشنىڭ توسۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ب د ت ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى»

ئەردوغان ب د ت نىڭ توقۇنۇش رايونلىرىدا تەسىرىنى كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا سىستېمىغا بولغان ئىشەنچنى قايتا تىكلەش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

«خەۋپسىزلىك كېڭىشى ‹دۇنيا بەشتىن چوڭ› پىرىنسىپى بويىچە ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك»

ئۇ يەنە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ خەلقئارا قانۇننى ھەممەيلەنگە باراۋەر قوللىنىش، رايون دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئاشكارا دىپلوماتىيە ۋە كىرىم تەقسىماتىدىكى ئادالەتنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

«ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي غەززەنى قايتا قۇرۇشنى باشلىشىمىز كېرەك»

ئەردوغان غەززەنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، 1967-يىلدىكى چېگرا ئاساسىدا، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

«قارا دېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»

ئۇ رۇسىيە—ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قارا دېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى، كىم تەرىپىدىن قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«تۈركىيە مۇقىملىق ئارىلى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا»

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بالقان، جەنۇبىي كاۋكاز، سۈرىيە، ئىراق ۋە ئافرىقادىكى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە تەشەببۇسلىرىنى تونۇشتۇردى.

«ئانتاليادا 31-نۆۋەتلىك كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىمىز»

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ COP31 باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە كىلىمات ئادالىتىنىڭ كۈنتەرتىپنىڭ مەركىزىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «نۆل تاشلاندۇق» ھەرىكىتىنىڭ دۇنياۋى ئاڭنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

«خەلقئارا سۈنئىي ئەقىل ئەھدىنامىسىنى تەييارلاش مۇھىم»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى يالغان ئۇچۇرلار ۋە سۈنئىي ئەقىل پەيدا قىلىۋاتقان خەتەرلەرگە دىققەتنى تارتىپ، سۈنئىي ئەقىل ئۈچۈن ئورتاق خەلقئارالىق قانۇنىي رامكا بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

«قىيىن بولغىنى — ئاشۇ قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان بىر شامنى ياندۇرالىماقتۇر»

ئەردوغان دۇنيانىڭ ئالدىدا توقۇنۇش ۋە ئۆز ئىچىگە بېكىنىۋېلىش بىلەن ئادالەت، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق ئىرادە ئارىسىدا بىر تاللاش  بارلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بولسا، ئىككىنچى يولنى تاللىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ