تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
غەربىي تىراكيادىكى تۈرك ئاز سانلىقلار مەكتىپى گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز قەدەملىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى
ئىسكەچەدىكى تۈرك ئاز سانلىقلار مەكتىپىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆزلىرىگە تەۋە بىناغا كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى قارارنى رەت قىلىپ، گىرېتسىيە دائىرىلىرىدىن ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ۋە خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
غەربىي تىراكيادىكى تۈرك ئاز سانلىقلار مەكتىپى گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز قەدەملىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى
غەربىي تىراكيادىكى تۈرك ئاز سانلىقلار مەكتىپى گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز قەدەملىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى / AA

سەيشەنبە كۈنى گىرېتسىيەنىڭ غەربىي تىراكيا رايونىدىكى ئىسكەچە شەھىرىدە ياشايدىغان تۈرك ئاز سانلىقلارغا تەۋە مەكتەپنىڭ ھاۋالە ھەيئىتى، ئەزالىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

غەربىي تىراكيادىكى ئىسكەچە ئاز سانلىقلار ئوتتۇرا مەكتىپى-تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ھاۋالە ھەيئىتى بايانات ئېلان قىلىپ، يازلىق تەتىلدە رېمونت قىلىش جەريانىدا ئىشخانىلىرىنىڭ بىكارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «ھازىر بىز ھاۋالە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىز باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپكە كىرەلمەيۋاتىمىز. مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە يول قويۇلمايۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

باياناتتا، بۇ ھەرىكەتنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بۇنىڭ «ئاشكارا باستۇرۇش، دېموكراتىيەگە ۋە قانۇنغا خىلاپ مۇداخىلە» ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

غەربىي تىراكيادىكى ئاز سانلىقلار مەكتەپلىرىنىڭ قانۇنلۇق باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھاۋالە ھەيئىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھاۋالە ھەيئىتى سۈنئىي پەيدا قىلىنغان توسالغۇلار ئارقىلىق شاللىنىۋېتىلمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ھاۋالە ھەيئىتىنىڭ ئورگان سالاھىيىتى يوقىتىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. بىز بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز.»

ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن زېرىكتۈرۈش ئۇرۇنۇشى

ھاۋالە ھەيئىتى لوزان كېلىشىمى دائىرىسىدە ئوخشاش قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىستانبۇلدىكى رۇم ئاز سانلىقلار مەكتەپلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىلمىشنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدى.

ھاۋالە ھەيئىتى باياناتىدا: «بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن يىراقلىشىشىنى مەقسەت قىلغان پىكىرلەردىن خەۋەردار. قانداق ئەھۋال ئاستىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەكتىپىمىزگە ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە داۋاملىق ئىگە چىقىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن  بەردى.

بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا خىتاب قىلىنغان باياناتتا: «لوزان كېلىشىمى بىلەن ئورنى بېكىتىلگەن ئاز سانلىقلار مەكتەپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە روھىغا ئۇيغۇن قارارلارنىڭ چىقىرىلىشى، قانۇنغا ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىنىشى كېرەك. بىز ئىسكەچە ئاز سانلىقلار ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ھاۋالە ھەيئىتىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىنىشىنى كۈتىمىز» دېيىلدى.

ئىزدىنىڭ
تاشكەنتتە «تۈرك دۇنياسى دىيالوگلىرى: ئورتاق كەلگۈسى، ئورتاق تەسەۋۋۇر» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېف ھەربىي ئىسلاھات پىلانى تۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى
ئەلىيېۋ: «5 يىل ئىچىدە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئەزەربەيجاننىڭ ھەممە يېرىدە بولىدۇ»
ئەلىيېۋ: جەنۇبىي كاۋكازدا ئورنىتىلغان تىنچلىق سېلىنمىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتماقتا
قازاقىستاندا ھازار دېڭىزىدىكى مانېۋىردا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 14 كە يەتتى
قازاقىستاندىكى ھەربىي مانېۋىردا 9 ئەسكەر قازا قىلدى، 7 ئەسكەر يوقاپ كەتتى
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈركىستان (ئوتتۇرا ئاسىيا) دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم  ھەمكارلىق ئورنىتىلدى
قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
خىتاي ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە، سودا سوممىسى كۆپەيمەكتە، قىزىل رەقەم ئاشماقتا
شىمالىي قىبرىس باش مىنىستىرى ئۈستەل كېمە ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 12گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ: جەنۇبىي كاۋكاز تىنچلىق رايونىغا ئايلانماقتا
شىمالىي قىبرىستا يوقاپ كەتكەن 20 كىشىنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا
قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «مەڭگۈلۈك دوستانە قوشنىدارچىلىق ئەھدىنامىسى» ئىمزالاندى
ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلدى
رۇسىيە نېفىتى قازاقىستاندا پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ
قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتىكى كوچا ناملىرى مىللىيلاشتۇرۇلدى
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە