شىمالىي كورېيە غايەت زور راكېتامۇيوت سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
كىم جوڭئۇن يادرو چەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ۋەدە بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، شىمالىي كورېيە غايەت زور راكېتامۇيوت سىستېمىسىنى سىناق قىلدى.
كىم جوڭئۇن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلتىيىدا، ھۇجۇم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان كېيىنكى باسقۇچلۇق پىلانلارنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
شىمالىي كورېيە غايەت زور كالىبىرلىق كۆپ يۆنىلىشلىك راكېتامۇيوت سىستېمىسىنىڭ سىناق ئوق چىقىرىش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى دەلىللىدى. كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ يادرو چەكلەش كۈچى ۋە ھۇجۇم كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى.
شىمالىي كورېيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، سىناق سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىدارىسى تەرىپىدىن، يېڭى تېخنىكىلار بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇلغان قويۇپ بېرىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئوق چىقىرىش جەريانىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەمراھلىقىدا كىم جوڭئۇن بىۋاسىتە كۆزەتكەن.
KCNA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىناق جەريانىدا قويۇپ بېرىلگەن تۆت دانە راكېتا، قويۇپ بېرىش مەيدانىدىن تەخمىنەن 358 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز نىشانىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن.
راكېتامۇيوت سىنىقى شىمالىي كورېيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە
يېڭىلانغان سىستېمىنىڭ زەربە بېرىش كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جوڭئۇن، بۇ سىناقنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن «ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«كەم دېگەندە بىرنەچچە يىلغىچە باشقا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ بۇ تېخنىكىغا يېتەلمەيدىغانلىقىغا ياكى بۇ ئىقتىدارغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ نەتىجىلەر پيوڭياڭ بىلەن ھەربىي توقۇنۇش قىلىش كويىدا يۈرگەن كۈچلەرگە قارىتا ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ.»
كىم جوڭئۇن كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئالدىمىزدىكى قۇرۇلتىيىدا، دۆلەتنىڭ يادرو ئۇرۇشىنى چەكلەش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان كېيىنكى قەدەملەرنىڭ بېكىتىلىدىغانلىقىنى، ئىشەنچلىك ھۇجۇم ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پارتىيەنىڭ ئاساسلىق سىياسەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ خەۋەر ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىزىغا قاراپ ئىككى دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. بۇ سىناق پيوڭياڭ ھاكىمىيىتىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئىككىنچى قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.
شىمالىي كورېيەنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان قورال - ياراغ سىناقلىرى كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.