تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
يىلماز: تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس ئارىسىدا يېڭى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى بىر ئىقتىسادىي كېلىشىمنى نەتىجىلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يىلماز: تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس ئارىسىدا يېڭى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
تۈركىيە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جەۋدەت يىلماز، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستەل بىلەن 2026-يىلى 12-فېۋرالدا تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئاخباراتچىلارغا بايانات بەردى. / Anadolu Agency

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى بىر ئىقتىسادىي كېلىشىمنى نەتىجىلەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پورت، تاشيول ۋە ئۇل ئەسلىھە خىزمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىر ئىقتىسادىي ۋە مالىيە ھەمكارلىق رامكىسى ئۈستىدە خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا.

يىلماز: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئوچۇق ۋە ئېنىقتۇر. بىز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى تېخىمۇ باي-باياشات، كۈچلۈك ئەتىلەرگە ئېلىپ بېرىشنى خالايمىز» دېدى. تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ «ئادەتتىكى مۇناسىۋەتلەر ئەمەسلىكى»نى تەكىتلىگەن يىلماز، كاپالەتچى دۆلەت سۈپىتىدە تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس قىبرىس مەسىلىسىگە قارىتا، ھەر قانداق بىر ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئارالنىڭ رېئاللىقلىرىغا، «ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى خەلق» ۋە ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەرلىك پرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستئەل بولسا، گىرېتسىيە، ئىسرائىلىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ئارىسىدا ئىمزالانغان مۇداپىئە كېلىشىمىگە ئىشارەت قىلىپ، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۈستئەل: «نېمە قىلسا قىلسۇن. بىزمۇ كۈنى كەلگەندە ئۇلارغا ئوخشاش شىددەت بىلەن ۋە ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىمىزدىن ھېچقانداق گۇمانىمىز يوق» دېدى ھەمدە ئارالدا ئىككى خەلق ۋە ئىككى دۆلەت بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ