تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
«ئاي يۇلتۇز» باش ئىشتابى دەرۋازىسىنى تۇنجى قېتىم ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۈچۈن ئاچتى
تۈركىيە 36-نۆۋەتلىك ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان «ئاي يۇلتۇز» شەكىللىك باش ئىشتابىنىڭ دەرۋازىسىنى تۇنجى قېتىم ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرىغا ئاچتى.
«ئاي يۇلتۇز» باش ئىشتابى دەرۋازىسىنى تۇنجى قېتىم ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۈچۈن ئاچتى
ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئاي-يۇلتۇز قارارگاھىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. (AA)

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 36-نۆۋەتلىك ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان «ئاي يۇلتۇز» شەكىللىك باش ئىشتابىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۈچۈن ئېچىلغانلىقى قەيت قىلدى.

باش ئىشتابنىڭ «يۇلتۇز» قىسمىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە، مىنىستىر گۈلەرنىڭ مېھمان مىنىستىرلارنى ھەربىي ئوركېستىر بىلەن بىرلىكتە دەرۋازا ئالدىدا كۈتۈۋالغانلىقى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن گۈلەر، مىنىستىرلىقنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان «ئاي يۇلتۇز» سارىيىدا مېھمانلارنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ بۇ ساراي رايونىنىڭ تۈركىيە دۆلەت بايرىقىدىكى ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇزدىن ئىلھام ئېلىپ لايىھەلەنگەنلىكىنى، پۈتكۈل مۇداپىئە ۋە ھەربىي قوماندانلىق قۇرۇلمىسىنىڭ بىر تۇتاش بىر ئۆگزە ئاستىغا جەم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش ئىشتابنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىشقا كىرىشىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيادىكى ساناقلىق بۈيۈك ئىشتابلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان گۈلەر مۇنداق دېدى:

«بىز باش ئىشتاب باشقارمىمىز بىلەن قوراللىق قىسىم قوماندانلىقلىرىمىزنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئارقىلىق، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى، شۇنداقلا مەمۇرىي جەريانلارنى تېزلىتىپ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت ۋە ئۈنۈمدارلىققا ئېرىشىشنى نىشان قىلىمىز. باش ئىشتابنىڭ بىخەتەرلىكى ‹پولات گۈمبەز› (Çelik Kubbe) ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق مۇداپىئە تەدبىرلىرى ھەمدە ئەڭ زامانىۋى تېخنىكىلارغا ئاساسلانغان بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىدىن پايدىلىنىپ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بىزنىڭ بۇ ساراي رايونىمىز، كىرىزىس ۋە ئۇرۇش سېنارىيەلىرىدە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئالاقە ۋە قوماندانلىق قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان رەۋىشتە ‹ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل› بىنالار تېخنىكىسى بىلەن جابدۇلدى. بۇ يەر زامانىۋى بىر باش ئىشتاب بولۇپلا قالماي، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى مۇستەھكەم ھەم قەتئىي ئىرادىسىنىڭمۇ كونكرېت بىر سىمۋولىدۇر. يېڭى باش ئىشتابىمىزنىڭ مەيلى دۆلىتىمىز، مەيلى ئىتتىپاقىمىزنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاساسلىق مەركەز بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن.»

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»