دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لۆككە راسمۇسسېن پارلامېنتنىڭ تاشقى سىياسەت كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن ئاخبارات ساھەسىگە بايانات بەردى.
راسمۇسسېن ئوكرائىناغا ھەربىي ياردەم مەقسىتىدە 32-ياردەم بولىقىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، بۇ دائىرىدە ئوكرائىناغا 720 مىليون دوللار (4.8 مىليارد دانىيە كرونى) قىممىتىدە ياردەم تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئوكرائىناغا توك توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ سوغۇق ھاۋا كىلىماتى بىلەنمۇ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن راسمۇسسېن، دانىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ ئوكرائىناغا قوشۇمچە 22.5 مىليون دوللار (150 مىليون دانىيە كرونى) مەبلەغ تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
راسمۇسسېن ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېنغا قىلىدىغان زىيارىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، بۇنىڭ بىر مەزگىلدىن بۇيان پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئەمما بۈگۈن ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
دانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يېپپې برۇسمۇ زېلېنسكىينىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ياردەم پىلانىنىڭ، ئوكرائىنانىڭ ھەر دائىم يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.
دانىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى زېلېنسكىينىڭ بۈگۈن پايتەخت كوپېنھاگېندا ئىسكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.




















