تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ 900 توننا ياردەم بۇيۇمى يۈكلەنگەن 17- قېتىملىق «ساخاۋەت كېمىسى» غەززەگە قاراپ يولغا چىقتى
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، رايونغا 900 توننا يېمەك-ئىچمەك ۋە بوۋاقلار بۇيۇملىرى ئەۋەتىلدى.
تۈركىيەنىڭ 900 توننا ياردەم بۇيۇمى يۈكلەنگەن 17- قېتىملىق «ساخاۋەت كېمىسى» غەززەگە قاراپ يولغا چىقتى
تۈركىيەنىڭ 900 توننا ياردەم بۇيۇمى يۈكلەنگەن 17-«ساخاۋەت كېمىسى» غەززەگە قاراپ يولغا چىقتى / Anadolu Agency

غەززە خەلقىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قامداش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە تەخمىنەن 900 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان 17-«ساخاۋەت كېمىسى» سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى مەرسىن خەلقئارا پورتىدىن مىسىرنىڭ ئەلئەرىش پورتىغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى _ ئافادنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، مىسىر قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىشىشى سايىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قېتىملىق ياردەم ئەۋەتىش پائالىيىتى، 17 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئىئانىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

ياردەم بۇيۇملىرى غەززەگە ئەڭ يېقىن پورت بولغان مىسىرنىڭ ئەلئەرىش پورتى ئارقىلىق كەرەم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

غەززە خەلقىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە تەييارلانغان ياردەم پوسۇلكىلىرىنىڭ ئىچىدە، تەييار يېمەكلىكلەر، كونسېرۋالار ۋە بوۋاقلار سۈت پاراشوكى قاتارلىقلار بار.

مەرسىن پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇزىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ‹ساخاۋەت كېمىسى غەززە يولىدا› دەۋاتىمىز. 900 توننا يېمەك-ئىچمەك، كونسېرۋا ۋە بوۋاقلار سۈت پاراشوكى قاچىلانغان ‹ئاقدېڭىز› ناملىق كېمىمىز ئىنشائاللاھ غەززە ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ.»

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە غەززەگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان، ئافادنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، رايونغا 16 كېمە ۋە 14 ئايروپىلان ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 67 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ۋە رايوننىڭ خارابىلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئۇرۇشنى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە، ئۆتكەن ھەپتە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىندى.

 

ئىزدىنىڭ
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 4 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
رۇسىيە: بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز
ئىران مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق»قا چاقىردى
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى