خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كانادا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي: «ئىككى دۆلەت ھەل قىلىش چارىسى كۆز ئالدىمىزدا يوقىلىپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى.
كانادا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
كانادا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى / AP

ئوتتاۋا، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارە-ئورگان ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى ۋە كەلگۈسىدە ھاماسنى رەھبەرلىكتىن چەتكە قېقىش شەرتى بىلەن، 2025-يىلى سېنتەبىردە ب د ت دا پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشنى پىلانلىماقتا.

كانادا، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى شەرتى بىلەن، 2025-يىلى سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 80-نۆۋەتلىك يىغىنىدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئېھتىماللىقىنىڭ «كۆز ئالدىمىزدا يوقىلىپ كېتىۋاتقانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

باش مىنىستىر مارك كارنىي باياناتىدا مۇنداق دېدى: «كانادا ئۇزۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيە دۆلىتى بىلەن تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە بىللە ياشايدىغان، مۇستەقىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتىدىن تەركىب تاپقان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە سادىق بولۇپ كەلدى. ئون يىللاردىن بۇيان بۇ نەتىجىنىڭ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتلىشىپ ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسلانغان تىنچلىق مۇساپىسى رامكىسىدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ئۈمىد قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئۇسۇل ئەمدى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلدى»

كارنىي تىنچلىق مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بىر قانچە يېڭى ئەھۋال تەرەپكە  دىققەتلەرنى تارتتى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئىشغال قىلىنغان غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى ئىسرائىلىيە ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ تېز كېڭىيىشى، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئىشغال قىلىنغان غەربىي قىرغاقنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى ۋە غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ياردەمگە ئېرىشىشنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىقلار بار.

كارنىي: «پۇقرالارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى، خەلقئارالىق ماسلاشقان ھەرىكەتكە نىسبەتەن كېچىكتۈرۈشكە ئورۇن قويمىدى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Canada weighing recognition of Palestine — Canadian media

پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش ئىسلاھاتقا باغلىق

كانادانىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى، پەلەستىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىدارە-ئورگان ئىسلاھاتىغا باغلىق بولىدۇ.

بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ ئىچىدە، پىرېزىدېنت مەھمۇد ئابباسنىڭ 2026-يىلى ھاماس قاتناشمايدىغان ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش ۋەدىسى ۋە كەلگۈسىدىكى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلارمۇ بار.

كارنىي يەنە، ھاماس تەرىپىدىن 7-ئۆكتەبىردە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى، بۇ گۇرۇپپىنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى ۋە پەلەستىننى ئىدارە قىلىشتا ھېچقانداق رول ئوينىماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى.

كارنىي: «كانادا ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشايدىغان مۇستەقىل دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەر دائىم قەتئىي قوللايدۇ» دېدى ھەمدە، «ئىسرائىلىيە ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تىنچلىققا بارىدىغان يول، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە مۇقىم بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

كارنىي، كانادانىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشەنچلىك بىر تىنچلىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ۋە غەززەگە كەڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «كانادا، رايوندا ئادىل، مەنىلىك ۋە مەڭگۈلۈك بىر تىنچلىقنى بەرپا قىلىشتا ئىجابىي بىر ھەمكارلاشقۇچى بولىدۇ؛ بارلىق پەلەستىنلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، بىخەتەرلىكى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى كۆزىتىدىغان بىر تىنچلىق» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى