«دىۋانۇ لۇغاتىت-تۈرك» يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى يۇنېسكونىڭ خاتىرىلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت-تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ 950 - خاتىرە كۈنى ب د ت مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (يۇنېسكو)نىڭ 2024-2025-يىللىق خاتىرە كۈنلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
00:00
«دىۋانۇ لۇغاتىت-تۈرك» يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى يۇنېسكونىڭ خاتىرىلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
دىۋان_كاشىغەرلىق_ماھمۇد / TRT Global

تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراس ۋەخپىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن 11 -ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئەرەبلەرگە تۈركچە ئۆگىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان  ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى «دىۋانۇ لۇغاتىت-تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ 950 يىللىق خاتىرە كۈنىنىڭ يۇنېسكونىڭ 2024-2025-يىللىق خاتىرە كۈنلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر قارارنىڭ تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئورتاق تەكلىپى، ۋېنگىرىيە، ماۋرىتانىيە، ماراكەش، قاتار ۋە تاجىكىستاننىڭ قوللىشى بىلەن چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراس ۋەخپىسى رەئىسى ئاكتوتى رايىمقۇلوۋا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ: «دىۋانۇ لۇغاتىت-تۈرك پەقەت بىر لۇغەتلا ئەمەس، تۈرك تىللىرىنىڭ بايلىقىنىڭ، تۈرك ئەنئەنىلىرىدىكى ھېكمەتنىڭ ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ جانلىقلىقىنىڭ يەكۈنىدۇر. دىۋانۇ لۇغاتىت-تۈركنىڭ 950 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەقەت بىر خاتىرىلەش پائالىيىتىلا بولماستىن، مىسلىسىز تۈرك مىراسلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىش چاقىرىقىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز