ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەلخەلىل شەھىرىدە، ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى، دېگەن باھانە بىلەن 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.
ئىسرائىلىيە جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگىنى قىزىل داۋۇت يۇلتۇزى جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا، ئەلخەلىلدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە 5 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، يارىلانغانلاردىن 2 سىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ۋە دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان 2 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 14 – تېلېۋىزىيە قانىلى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ رايونغا ئىسرائىلىيە نومۇر تاختىسى ئېسىلغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن كىرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەنىڭ ۋاقىتلىق بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئومۇمىي سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە غەربىي قۇددۇستىكى بىر بازارغا قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلدى.





















