تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەنقەرەدىن دەمەشىققە تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشنى باشلىدى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى AJet تۇنجى ئىستانبۇل - سابىھا گۆكچەن-دەمەشىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى قاتنىشىنى باشلىدى.
ئەنقەرەدىن دەمەشىققە تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشنى باشلىدى
ئەنقەرەدىن دەمەشىققە تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشنى باشلىدى / AA

ئىستانبۇل- دەمەشىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى يولغا قويغان  AJetيېقىندا ئەنقەرە-دەمەشىق لىنىيەسىنىمۇ ئىشقا سالدى.

ئەسەدتىن كېيىنكى دەۋردە ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىققە قىلىنغان تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپىرى تاماملاندى.

AJet  تەرىپىدىن بېرىلگەن باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان دەمەشىققە سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن ھەر كۈنى بېرىپ-كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى.

بۇنىڭ بىلەن 13 يىلدىن كېيىن AJet ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەندىن دەمەشىققە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇپ قالدى.

ئىككى سائەت داۋاملاشقان ئۇچۇشتىن كېيىن، يولۇچىلار دەمەشىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - 200,000 Syrian refugees return home from Türkiye since December — Turkish President

AJet  نىڭ باش دىرېكتورى كەرەم سارپ دەمەشىقتىكى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن قالسىلا 13 يىل ئۆتۈپ تۈركىيەدىن دەمەشىققە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سارپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بۈگۈن ئىستانبۇلدىن دەمەشىققە تۇنجى سەپىرىمىزنى قىلدۇق. 4-ئىيۇل جۈمە كۈنى ئەنقەرەدىن دەمەشىققە تۇنجى بىۋاسىتە ئۇچۇشىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە بۇنىڭ بىلەن AJet نىڭ ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ئەنقەرەدىن دەمەشىققە بىۋاسىتە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

«بۇنىڭدىن كېيىن AJet بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى ئىستانبۇلدىن، 3 كۈنى بولسا ئەنقەرەدىن دەمەشىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوش يۆنىلىشلىك سەپەرلىرىمىز بولىدۇ» دېدى.

ئۇ سۈرىيەدىكى يېڭى دەۋر بىلەن بىرگە رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا يۈزلەنگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېڭى لىنىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان دەمەشىققە بىۋاسىتە ئۇچۇشلارنىڭ سۈرىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا ئىنسانىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ۋە قېرىنداشلىقنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى.

AJet  نىڭ 34 دۆلەتتىكى جەمئىي 59 نۇقتىغا نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سارپ، دەمەشىق سەپەرلىرىنىڭمۇ قوشۇلۇشى بىلەن ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدا كېڭىيىش نىشانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى مۇقەددەس كۈرىشىدىن ھېچكىم ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ
تاشقى ئىشلار باياناتچىسى كەچەلى گرېتسىيە ھەققىدە توختالدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «خەلقئارا جەمئىيەت نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانلىرىغا ئىشەنمەيدۇ»
تۈركىيە ئۇكرائىنا باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى
شانلىئۇرفاغا قاراشلىق قاراخانتەپەدە 11 مىڭ يىللىق ھەيكەل تېپىلدى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
تۈركىيە:گىرېتسىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئەگە دېڭىزىدىكى قانۇنىي مەيدانىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
ئاق پارتىيەنىڭ 25 يىلى ۋە تۈركىيەنىڭ رايونلۇق ھەم دۇنياۋى كۈچ سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى رايون خاراكتېرلىك ئامانلىقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ»
تۈركىيە پاكىستاننى مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىدا ۋە شېھىت يېقىنلىرىنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئاسراشتا چىڭ تۇرىدۇ
ئەلىخان كۇرىش جىنايى گۇرۇھىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «مەككە كېلىشىمى ھېچقانداق دۆلەتنى تۇتمايدۇ»
نەمرۇت تېغىنىڭ كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
مەككە كېلىشىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ