ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى بەزى ئىمتىيازلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ
خىتاي ئەمەلدارلىرى بېيجىڭنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» لىك سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، ئەمما كەلگۈسىدىكى دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇزاكىرەلىرىدە، ئالاھىدە ۋە پەرقلىق مۇئامىلە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى بەزى ئىمتىيازلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ تيەنجېندە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى نگوۋزى ئوكونجو-ئىۋېئالا بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى 26-ئىيۇن. سۈرەت: ئا پ. / AP

خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) شەرتنامىلىرىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئامېرىكانىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى تەلىپى ئىدى.

ختاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى چارشەنبە (24-سېنتەبىر) كۈنى مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا، دۇنيا سودا تۈزۈمىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بۇ قەدەمنىڭ تاشلانغانلىقىنى، بۇنىڭ تاموژنا بېجى ئۇرۇشلىرى ۋە بەزى دۆلەتلەر ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئىمپورتقا چەك قويۇشتەك تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقان بىز مەزگىلدە ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئەمەلدارلىرى سەيشەنبە (23-سېنتەبىر) كۈنى بېيجىڭنىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» لىك سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرەلەردە ئالاھىدە ۋە پەرقلىق مۇئامىلە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى لى يىخۇڭ چارشەنبە (24-سېنتەبىر)  كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، «خىتاينىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى <تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت> لىك سالاھىيىتى سەۋەبىدىن ئىگە بولغان ئىمتىيازلىرىدىن ۋاز كېچىش قارارى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈمىنى قوللاشتىكى <قەتئىي ئىرادەسى> نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

بىراق، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا ياكى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بۇ يىل خىتاي قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تاموژنا بېجى يولغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

ئامېرىكا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» لىك سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى بۇ سالاھىيەت، بازارلىرىنى ئىمپورتقا ئېچىش تەلىپىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە بۇ خىل بازار ئېچىش قەدەم-باسقۇچلىرىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئۆتكۈنچى دەۋرى ئۇزۇنراق بولۇشتەك ئىمتىيازلار بار.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن مۇنبەر تەييارلاپ، بىرلىككە كەلگەن كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، تەسىرىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن ئىسلاھات قىلىشنىمۇ چاقىرىق قىلماقتا.

مەركىزى جەنۋەگە جايلاشقان تەشكىلاتنىڭ باشلىقى باش دىرېكتورى نگوزى ئوكونجو-ئىۋېئا (Ngozi Okonjo-Iweala) خىتاينىڭ بۇ قارارىغا، «دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن مۇھىم خەۋەر» دەپ باھا بەردى ۋە خىتاي رەھبەرلىرىگە تەشەككۈر ئېيتتى.

 ئۇ ئېكس (X) تا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ: «بۇ نۇرغۇن يىللىق جاپالىق خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسى» دېدى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ سەيشەنبە كۈنى نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، خىتاي تەشكىللىگەن تەرەققىيات مۇنبىرىدە سۆز قىلغاندا بۇنى جاكارلىدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا كىرىملىك ​​دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بىراق، ئۇ باشقا دۆلەتلەرگە يول، تۆمۈر يول، توسما ۋە باشقا چوڭ تۈرلەرنى ياساشقا ئىنتىلگەن دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان قەرز ۋە تېخنىكىلىق ياردەملەرنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندى. بۇنداق تۈرلەرگە ئادەتتە خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇل بولۇپ كەلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى