غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ يېڭى غەززە «تىنچلىق» پىلانى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە سۇنۇلدى
ئامېرىكالىق دىپلومات ستىۋ ۋىتكوف ئەرەب ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە 21 ماددىلىق غەززە پىلانىنىڭ سۇنۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپنىڭ يېڭى غەززە «تىنچلىق» پىلانى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە سۇنۇلدى
ترامپنىڭ يېڭى غەززە «تىنچلىق» پىلانى ئەرەب ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە سۇنۇلدى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف، ترامپنىڭ بۇ ھەپتە ئەرەب ۋە مۇسۇلمان رەھبەرلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا غەززە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئارىدا، غەززەنىڭ خەلق مۇداپىئە ئىدارىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئونلىغان كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئايلارچە داۋاملاشقان ۋاسىتىچىلىك خىزمەتلىرىگە قاتناشقان ستىۋ ۋىتكوف، ترامپنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «ئوتتۇرا شەرق ۋە غەززە ئۈچۈن 21 ماددىلىق تىنچلىق پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىتكوف: «كەلگۈسى كۈنلەردە بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىمىزنى ئېلان قىلىشقا ئۈمىدۋار، ھەتتا ئۆزىمىزگە ئىشىنىمىز دەپ ئېيتالايمەن» دېدى.

ۋىتكوف بۇ پىلاننىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ ئەندىشىسىنى شۇنداقلا رايوندىكى بارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى» قوشۇمچە قىلدى، ئەمما تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورتاق باياناتىدا، رەھبەرلەرنىڭ «پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ھەمكارلىشىش ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكى» ئىپادىلەندى.

نېتانياھۇ ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش يۆنىلىشىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق قوللاشنى رەت قىلدى.

نېتانياھۇ: «بەزى رەھبەرلەرنىڭ پەلەستىن تېرورىغا نومۇسسىزلارچە باش ئېگىشى ئىسرائىلىيەگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. پەلەستىن دۆلىتى بولمايدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump vows to block Israeli annexation of West Bank as Muslim leaders demand Gaza ceasefire

غەززەدىكى ۋەزىيەت بولسا كۈنسېرى يامانلاشماقتا. غەززەنىڭ خەلق مۇداپىئە ئىدارىسى ئىسرائىلىيەنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئونلىغان كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە غەززە شەھىرىدىكى فىراس بازىرىغا يېقىن بىر ئىسكىلاتتا پاناھلىنىۋاتقان 22 كىشىنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كۆرۈنۈشلەردە، رايون ئاھالىلىرىنىڭ خارابىلىكلەر ئارىسىدا ئىزدەۋاتقانلىقى، ئاياللارنىڭ بولسا ئاق كېپەنگە يۆگەلگەن جەسەتلەرنىڭ يېنىدا يىغلاۋاتقانلىقى كۆرۈلدى.

غەززەنىڭ خەلق مۇداپىئە ئىدارىسى يەنە، خان يۇنۇستىكى بىر ياردەم تارقىتىش مەركىزىنىڭ يېنىدا يەنە سەككىز كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. بۇ ھۇجۇملاردا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 65 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قازا قىلدى. ئىسرائىلىيە خەلقئارالىق ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلماقتا.

بۇ سانلار ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا قالغانلىقى پەرەز قىلىنغان تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، ھەقىقىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ غەززە دائىرىلىرى خەۋەر قىلغاندىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە تەخمىنەن 200 مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە، غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا خۇلاسە چىقاردى.

ۋاشىنگتون ئۇزۇندىن بۇيانقى ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەگە يىلدا 3.8 مىليارد دوللار ھەربىي ياردەم بېرىدۇ. ئامېرىكا 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى ئۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە 22 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ياردەم بەردى.

بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ۋاشىنگتون ھازىرغىچە قورال-ياراغ يۆتكەشكە ھەرقانداق شەرت قويۇش چاقىرىقلىرىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى.

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا 1946-يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە پۇل پاخاللىقىغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا 310 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن.

 

ئىزدىنىڭ
غەززەدە ئىلگىرى نىشان قىلىنغان بىنادىن ئىككى ئائىلىگە تەۋە 99 جەسەت چىقىرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 1 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر پەلەستىنلىكلەرنى ۋە چەت ئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى يارىلاندۇردى
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
2023-يىلىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى ئالدىنقى 17 يىلدىكى ئومۇمىي ساندىن ئېشىپ كەتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىسرائىلىيە يەنە سەككىز پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
قاتىل نېتانياھۇ: «نۆۋەتتە لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يوق» دېدى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 72 مىڭ 783 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە غەززەگە يەنەھۇجۇم قىلىپ، بەش پەلەستىنلىك ساقچىنى ئۆلتۈردى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش پىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇش ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، غەززە شەھىرىدە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق قىيىن – قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى