تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
خىتاي ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە خەينەن ئارىلىغا 30 كۈنگىچە ۋىزىسىز كىرىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قىرغىزىستان پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ساغىنبەك ئابدۇمۇتالىپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستاننى 10 كۈنلۈك ۋىزىسىز ئۆتۈش پىروگراممىسىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئابدۇمۇتالىپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-ئاۋغۇستتىن باشلاپ قىرغىزىستان پۇقرالىرى 10 كۈنگىچە ۋىزىسىز ھالدا خىتايغا كىرەلەيدۇ. بىراق بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر دۆلەت ياكى رايونغا ئۆتۈش شەرتى قويۇلغان. ئۇ بۇ ھەقتە ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر بىر قىرغىزىستان پۇقراسى ۋىزىسىز ھالدا بېيجىڭ، شاڭخەي ياكى خىتاينىڭ باشقا بىر شەھىرىگە بارماقچى بولسا، شۇ شەھەرگە بېرىش بېلىتى بىلەن بىرگە، ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق قىرغىزىستانغا قايتىش بېلىتىنى ساتىۋېلىشى كۇپايە. مەسىلەن، شاڭخەي – ئالمۇتا – بىشكەك ياكى بېيجىڭ – تاشكەنت – ئوش لىنىيەلىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ» دېدى.

ئابدۇمۇتالىپ يەنە، خىتاي تەرەپنىڭ قىرغىزىستان پۇقرالىرىغا دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئارىلىغا 30 كۈنگىچە ۋىزىسىز كىرىش رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قىرغىزىستانغا كىرىشىدە بولسا ۋىزى تۈزۈمى داۋاملاشماقتا.

بۇ قارارنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئابدۇمۇتالىپ: «خىتاي تەرەپنىڭ بۇ قارارى، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ قارارنىڭ سودا ۋە ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ