خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 11 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نەباتىيە شەھىرىگە قاراشلىق كەفر رۇممان يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئىككىسى بوۋاق، ئىككىسى سەھىيە خادىمى بولۇپ جەمئىي 11 كىشى ئۆلتۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 11 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ، 11 كىشىنى ئۆلتۈردى

لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى NNA نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېچە سائەتلىرىدە كەفر رۇممان يېزىسىغا ھۇجۇملارنى قىلغان. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كەفر رۇمماندا دانى فەرھات ئىسىملىك لىۋانلىققا تەۋە 3 قەۋەتلىك بىر بىنانى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە ئىككىسى بوۋاق بولۇپ، جەمئىي 9 كىشى ھاياتدىن ئايرىلدى، 5 كىشى يارىلاندى.

يېزىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ بىر پۇقراۋى ئاپتوموبىلنى نىشان قىلىشى نەتىجىسىدە ئىككى نەپەر سەھىيە خادىمى قازا قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يۇقىرى نەباتىيە ۋە ئارابسالىم يېزىلىرىغىمۇ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ باردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli air strikes completely destroy a hospital in southern Lebanon

ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىمۇ بار.

لىۋان مەركەزلىك «ئەل مەيادېن» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كەفر رۇممان يېزىسىدا كېتىۋاتقان جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى بىۋاسىتە نىشان قىلغان. ھۇجۇمدا بىر نەپەر جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغان ئىككى  كىشى يارىلانغان.

يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئۆلتۈرۈلگەن جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ ئەلى شەھرۇر ئىسىملىك بىر ياش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدىن كېيىن رايونغا ئەۋەتىلگەن ئەترەتلەر يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.

رەسمىي ئورگانلاردىن ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تېخىچە ھېچقانداق بايانات بېرىلمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel considers new 'security zone' up to 4 km inside Lebanon — report
ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى