ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ب د ت: «ئىسرائىلىيەنىڭ قوشۇۋېلىش ھەرىكىتى ئىناۋەتسىزدۇر، بۇ قارار رايون تىنچلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى.
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە تەۋە گولان تۆپىلىكلىرىنى ئىشغال قىلىۋېلىشى ۋە ئەمەلىي قوشۇۋېلىشىنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدىغان بىر قارارنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئىسرائىلىيەدىن 1967-يىلى 4-ئىيۇندىكى چېگرا سىزىقىغا تولۇق چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
مىسىر تەرىپىدىن سۇنۇلغان لايىھە تېكىستى سەيشەنبە كۈنى 123 قوللاش 7 قارشى ۋە 41 بىتەرەپ بېلەت بىلەن قوبۇل قىلىندى.
قاراردا ئىسرائىلىيەنىڭ 1981-يىلى 14-دېكابىردا سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلىپ ئۆزىنىڭ «قانۇنلىرى، ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە مەمۇرىيىتى» نى يولغا قويۇش قارارىنىڭ «ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى ۋە ھېچقانداق كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى» ئىپادىلەندى.
بۇ قارار ئىسرائىلىيەدىن ئالاقىدار خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى دائىرىسىدە، ئىشغال قىلىۋالغان سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ ھەممىسىدىن 1967-يىلى 4-ئىيۇندىكى لىنىيەگە چېكىنىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالىيىتى بىلەن ئەمەلىي قوشۇۋېلىشىنىڭ «رايوندا ئادىل، كەڭ دائىرىلىك ۋە ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان بىر تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى سۈرىيە ۋەكىلى ئىبراھىم ئالالى سەيشەنبە كۈنى ئىشغال ئاستىدىكى گولان تۆپىلىكلىرىنىڭ سۈرىيە تۇپرىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دۆلىتىنىڭ ئۇنى ئىسرائىلىيەدىن تولۇق قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقىنى جەزملەشتۈردى.
سۈرىيە دۆلىتىگە تەۋە «ئەل ئىخبارىيە» تېلېۋىزىيەسى ئالالىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمىز، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى»
ئالالى: «سۈرىيە تىنچ ۋە دىپلوماتىك يوللارنى تاللايدۇ» دەپ تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە سۆھبەتلەرنىڭ « سۈرىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىنىڭ تەقدىرىنى ھېچقانداق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلمىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
سۈرىيە ئەلچىسى: « سۈرىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكى ئەرەب سۈرىيە تۇپرىقىدۇر ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنى تەل تۆكۈس قايتۇرۇپ ئېلىش جەھەتتە تولۇق ھوقۇقى بار» دەپ تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە 1967-يىلدىن بېرى گولان تۆپىلىكلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان بولۇپ، بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشىدىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بۇفېر رايونى ۋە ھەرمون تېغىغا قاراپ تېخىمۇ كېڭەيتكەن ئىدى.
كېيىنچە ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى 1967-يىلدىكى ئايرىلىش كېلىشىمىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى جاكارلىدى.