ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى «ئوچۇق-ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مۇقىملىققا تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك ھەم «ئوچۇق-ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىدى.
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى «ئوچۇق-ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى «ئوچۇق-ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىدى / Anadolu Agency

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى «ئوچۇق-ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۈمە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە رايونىمىزنى – بولۇپمۇ غەززەنى – قان، كۆز يېشى ۋە مۇقىمسىزلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى بۈگۈن ئەتىگەن ناھايىتى خەتەرلىك پەللىگە يەتكۈزدى.»

ئەردوغان قوشنا دۆلەت ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى «خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىدىغان ئوچۇق-ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتاپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ يادرو سۆھبەتلىرى مۇھىم بىر باسقۇچقا يەتكەن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى خەلقئارالىق بېسىم كۈچەيگەن بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ھۇجۇملار نېتانياھۇ ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت ھەم رىئايە قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەرۋاسىز ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئېڭى رايون ھەم پۈتكۈل دۇنيانى بالايىئاپەتكە ئىتتىرمەكتە.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - What to know about Israel’s massive strikes on Iran

«قوشنىمىز ئىرانغا قىلىنغان خائىنلارچە ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىپلەيمىز»

 

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى:

«خەلقئارا جەمئىيەت رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مۇقىملىققا تەھدىت سېلىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت ھەم رىئايە قىلماسلىقتەك ھەرىكەتلىرىگە دەرھال خاتىمە بېرىشى كېرەك. نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچى شايكىسىنىڭ رايوننى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرىۋاتقان ھۇجۇملىرى دەرھال توختىتىلىشى كېرەك.»

ئوتتۇرا شەرقتىكى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان  جىددىيلىك ئالدىدا تۈركىيەنىڭ مەيدانىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

«يەنە بىر قېتىم جاكارلايمىزكى؛ ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشىنى، تېخىمۇ كۆپ ۋەيرانچىلىقنى ۋە توقۇنۇشلارنى خالىمايمىز.

تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قوشنىمىز ئىرانغا قارىتىلغان خائىنلارچە ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىپلەيمىز؛ ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىران خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye slams Israel’s strikes on Iran as ‘barbaric aggression’ and a threat to global peace

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى