خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
سىرىلانكىدا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە مەكتەپلەردە ئوقۇش توختىتىلدى.
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

ھىندى ئوكياننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بېنگال قولتۇقىدا شەكىللەنگەن «ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى، رايوندىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

سىرىلانكا ئاپەتلەرنى باشقۇرۇش مەركىزى  «ئارناب» سىكلونلۇق بورىنىنىڭ 12 رايونغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. سىكلونلۇق بوراننىڭ سەۋەب بولغان ناچار ھاۋا كىلىماتىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى يەتكۈزگەن ئاپەت باشقۇرۇش مەركىزى، بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 215 ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«The Star» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىرىلانكا مائارىپ مىنىستىرلىقى 27-ئۆكتەبىردە مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ھىندىستان «India Today» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارناب سىكلونلۇق بورىنىنىڭ سائىتىگە 115 تىن 125 كىلومېتىرغىچە سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىشى، شامال سۈرئىتىنىڭ بولسا سائىتىگە 140 كىلومېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

ھىندىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بوراننىڭ غەربىي-شىمال يۆنىلىشىدە ئىلگىرىلىشىنىڭ، ئاندىن شىمالغا بۇرۇلۇپ 28-ئۆكتەبىر سەھەردە ئاندرا پرادېش ئۆلكىسى قىرغاقلىرىدىن قۇرۇقلۇققا يېتىپ كېلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەتلىك كرىزىس باشقۇرۇش كومىتېتى بورانغا قارشى تەييارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى، ھىندىستان تۆمۈريول ئىدارىسىمۇ تەدبىر سۈپىتىدە 53 قېتىملىق پويىز سەپىرىنى بىكار قىلدى. بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۆلچەرلەنگەن رايونلاردا مەكتەپلەر ۋاقىتلىق تاقالدى، شۇنداقلا ساھىللارغا كىرىشمۇ چەكلەندى.

خەۋپلىك رايونلاردا ياشايدىغان 4 مىڭ 711 ھامىلىدار ئايالنىڭ سالامەتلىك مەركەزلىرى ۋە دوختۇرخانىلارغا يۆتكىلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنماقتا. دېڭىزغا چىققان بارلىق بېلىقچىلارنىڭ بىخەتەر ھالدا قىرغاققا قايتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. خەۋپلىك نۇقتىلارغا دۆلەتلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش قىسىملىرى ئەترىتى ۋە تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن سىكلوننىڭ قۇرۇقلۇققا يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنگەن رايوننىڭ سىرتىدا قالغان ئودىشا ئۆلكىسىدىمۇ شىددەتلىك يامغۇر ۋە سائىتىگە 80 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بورانغا قارشى تەدبىرلەر كۈچەيتىلدى.

نېپالدىمۇ مەسئۇللار سىكلونلۇق بوراننىڭ ھىمالايا رايونىدا 29-ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە شىددەتلىك يامغۇر، قار بورىنى ۋە قار كۆچۈشكە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

سىكلونلۇق بورانلار كۆپ يۈز بېرىدىغان بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردىن ھىندىستان، بېنگلادىش، بېرما (ميانمار) ۋە سىرىلانكىنى دېڭىز مەنبەلىك ھاۋا ئاپەتلىرىگە قارشى ئاجىز بىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپتىن ئىرانغا يېڭى ئۇلتىماتۇم: كېلىشىم تۈزەيمۇ ياكى يوق قىلايمۇ؟
ھۇسىيلار يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىگە كۆپ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە بىلەن سودا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا «ئەتە» ھۇجۇم قىلىشى ياكى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمۇ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە
ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى
پاكىستان مەككە مۇداپىئە شەرتنامەسىنى تەستىقلىدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ۋاشىنگتون: ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلارغا سۇيىقەست قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى
چەت ئەلدىكى تۈرك بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى» دەرسلىكلىرى توردا تارقىتىلدى
ئىراندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى