غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت: «ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىقىدا غەززەدىكى دىيالىز بىمارلىرىنىڭ %40 تىن كۆپرەكى ھاياتىدىن ئايرىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى سەھىيە ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ بۇ ئەسلىھەلەرنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى ياكى ئۇلارغا يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ب د ت: «ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىقىدا غەززەدىكى دىيالىز بىمارلىرىنىڭ %40 تىن كۆپرەكى ھاياتىدىن ئايرىلدى
While more than 300 truckloads of aid have been picked up from the Gaza side of Karem Abu Salem crossing since it was reopened, access remains inconsistent. / AA

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئىنسانىي كرىزىسنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، غەززەدە قورشاۋ ئاستىدا قالغان دىيالىز بىمارلىرىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سەھىيە ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى ياكى ئۇلارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك، ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى (OCHA)  نى ئىما قىلىپ، دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «رەفاھ ۋە دەير ئەل-بەلاھتىكى ھەربىي تارقىتىش مەركەزلىرى يېنىدا ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا» دېدى.

دۇجارىك، ئىسرائىلىيەنىڭ سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملىرى تەرەپكە  دىققەتلەرنى تارتىپ، غەززەنىڭ شىمالىدىكى نورا ئەل كەئبى دىيالىز مەركىزىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇجارىك، «غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىكى توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن بۇيان غەززەدىكى دىيالىز بىمارلىرىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، مەركەزلەرنىڭ يا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ياكى ئۇلارغا يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ھالەتتە بولۇشىدۇر» دېدى.

غەززەدىكى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىش ئەھۋالىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان دۇجارىك: «شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى، خان يۇنۇس ۋە دەير ئەل-بەلاھتا يېڭى بىر تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چىقاردى. بۇ، يەر-ماكانىدىن ئايرىلغانلار پاناھلىنىۋاتقان 200 دىن ئارتۇق جايدا ياشاۋاتقان تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى» دېدى.

دۇجارىك: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 18-مارتتىن بۇيان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەمكارلاشقۇچىلىرى، غەززەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىن كېلىدىغان 640 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قايتىدىن يەر-ماكانىدىن ئايرىلغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

كەرەم ئەبۇ سالىم (كەرەم شالوم) ئېغىزىنىڭ قايتا ئېچىلغىنىدىن بۇيان غەززە تەرەپكە 300 دىن ئارتۇق ياردەم يۈك ماشىنىسى كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ياردەمگە ئېرىشىش يەنىلا تەرتىپسىز ھالدا تۇرماقتا.

دۇجارىك: «بۈگۈن، كەرەم شالومدىن ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىش ئۇرۇنۇشلىرىمىزدىن بىرى رەت قىلىندى» دېدى.

RELATEDTRT Global - Floating piers, private military contractors — Why US bids to deliver aid to Gaza failed repeatedly

ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىقى

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا.

پەلەستىنلىكلەر، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 54 مىڭ 470 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى رۇيخەتكە ئالدى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «ۋافا» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، ھەقىقىي ئۆلگەنلەر سانىنىڭ غەززە دائىرىلىرى دوكلات قىلغاندىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە تەخمىنەن 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدا ئىسرائىلىيە، رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى ۋە پۈتۈن نوپۇسنى دېگۈدەك يەر-ماكانىدىن ئايرىدى.

ياردەم تەشكىلاتلىرى، 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ياشاۋاتقان بۇ رايوندا ئاچارچىلىق خەۋپىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە، رايوندىكى پۇقرالارغا قارشى سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى