سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئامېرىكانى ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدە «ئەجەللىك خاتالىق» ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
موسكۋا ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدە ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە چاقىرىپ، مادۇرۇ ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ئامېرىكانى ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسىدە «ئەجەللىك خاتالىق» ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
مادۇرۇ (ئوڭدا) رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كرېمىل سارىيىدا كۆرۈشتى. سۈرەت:رويتېرس. / Reuters

رۇسىيە پەيشەنبە (18-دېكابىر) كۈنى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنى ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىدا «ئەجەللىك خاتالىق» ئۆتكۈزمەسلىككە چاقىردى.

رۇسىيە تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى كاراكاس (ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى) بىلەن «ئۈزلۈكسىز ئالاقە» دە بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇشۇ ھەپتە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئېمبارگو قويۇلغان نېفىت پاراخوتلىرىنى قامال قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ ۋاشىنگتون بىلەن نىكولاس مادۇرۇ رەھبەرلىكىدىكى جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى  ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ يېڭى بىر بالداققا چىققانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

ۋېنېزۇئېلا خام نېفىت ئېكسپورتىنىڭ ترامپنىڭ بۇيرۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

مادۇرۇ كىرىمىلنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان موسكۋانىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ كەلمەكتە.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاقساراينىڭ «ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە يول قويماسلىقىنى ۋە پۈتكۈل غەربىي يېرىم شار ئۈچۈن ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋەزىيەتكە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىپ كېتىشتىن ئۆزىنى تارتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق يەنە ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە (جىددىيلىكنى يۇمشىتىشقا) چاقىردى ۋە مادۇرۇ ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كرىمىل سارىيى ئۆزىنىڭ «ئىتتىپاقدىشى ۋە ھەمكارلاشقۇچىسى» بولغان ۋېنېزۇئېلا بىلەن «ئىزچىل ئالاقە» دە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كرىمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ: «بىز ئەلۋەتتە رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ۋەزىيەتتە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ھەر قانداق ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سالماق بولۇشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ كارىب دېڭىزىدا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى سەۋەبىدىن، بۇ قامالنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس.

ترامپ مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ۋېنېزۇئېلا جەنۇبىي ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيە فىلوتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشالدى» دەپ كۆرسەتتى. بۇ سۆزلەر ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئارىلىشىش ئېھتىماللىقىغا بولغان ئەندىشەلەرنى كۈچەيتىۋەتتى.

رۇسىيە رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىمۇ مادۇرۇ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Thousands march in Venezuela against US ‘threats’ as Maduro mobilises militia
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز