تايلاند بىلەن كامبودژانىڭ يېڭى كېلىشىمى دائىرىسىدە 18 كامبودژا ئەسكىرى قويۇپ بېرىلدى

كامبودژا يېڭى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن (چارشەنبە كۈنى) 18 كامبودژا ئەسكىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىپ دۆلەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

By
A bus carries 18 Cambodian troops repatriated from Thailand after being captured in July, at a border checkpoint in Cambodia, December 31, 2025. / Reuters

كامبودژا ئۇچۇر-ئاخبارات ئىشلىرى مىنىستىرى نېت فېئەكترا (Neth Pheaktra) فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) غا بايانات بېرىپ، ئىيۇل ئېيىدىكى ئەجەللىك چېگرا توقۇنۇشلىرى جەريانىدا تايلاند تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان 18 نەپەر كامبودژا ئەسكىرىنىڭ، يېڭى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن (چارشەنبە كۈنى) قويۇپ بېرىلىپ دۆلەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ ئىككى قوشنا دۆلەت، شەنبە كۈنى چۈشتە (گرېنۋىچ ۋاقتى 05:00) كۈچكە ئىگە بولغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، 20 كۈنلۈك توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، راكېتا ۋە زەمبىرەكلەر ئىشقا سېلىنغان بۇ توقۇنۇشلاردا كەم دېگەندە 101 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانىدى.

ئىيۇل ئېيىدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە تۈزۈلگەن كېلىشىم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، توقۇنۇشلار بۇ ئاينىڭ بېشىدا قايتىدىن كەسكىنلەشكەن. يېڭى كېلىشىمگە ئاساسەن، تايلاند ئۇرۇش توختىتىش 72 سائەتكە توشقاندىن كېيىن ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەنىدى.

تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىھاساك فۇئاڭكېتكېئو (Sihasak Phuangketkeow) سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تېخى يېڭى ۋە نازۇك باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىپ، مۇناسىۋەتلەرنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دۈشەنبە كۈنى تايلاند ئارمىيەسى، كامبودژانىڭ 250 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئۇچۇرۇپ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى قايتا ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغان بولسىمۇ، كامبودژا تەرەپ بۇنى رەت قىلىپ، دۆلەتتە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلىتىشنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، چېگرا رايونىدىكى مىنا پارتلاش ۋەقەسىدە بىر تايلاند ئەسكىرىنىڭ يارىلىنىشى سەۋەبىدىن تايلاند كامبودژاغا نارازىلىق ئۇلتىماتومى تاپشۇردى. مىنا پارتلاش ۋەقەلىرى توقۇنۇشنىڭ قايتا پارتلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئىشەنچنى قايتا تۇرغۇزۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.