خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
لىۋىيە گىرېتسىيەنىڭ «تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن دېڭىز كېلىشىمىنى بىكار قىلىش» چاقىرىقىنى ئەيىبلىدى
لىۋىيە پارلامېنتى گىرېتسىيەنىڭ تىرابلۇس بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدا 2019-يىلى ئىمزالانغان دېڭىز چېگراسى كېلىشىمىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىش» دەپ باھا بەردى.
لىۋىيە گىرېتسىيەنىڭ «تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن دېڭىز كېلىشىمىنى بىكار قىلىش» چاقىرىقىنى ئەيىبلىدى
لىۋىيە پارلامېنتى گىرېتسىيەنىڭ «تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن دېڭىز كېلىشىمىنى بىكار قىلىش» چاقىرىقىنى ئەيىبلىدى / AA Archive

يەكشەنبە كۈنى ئافېنادا لىۋىيەلىك مەنسەپدىشى ئەقىلە سالىھ بىلەن كۆرۈشكەن گىرېتسىيە پارلامېنتى باشلىقى نىكىتاس كاكيامانىس، 2019-يىلى ئىمزالانغان تۈركىيە-لىۋىيە دېڭىز كېلىشىمىنىڭ چوقۇم بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لىۋىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككىنچى مۇئاۋىن باشلىقى مىسباھ ئۇھىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، گىرېتسىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى:

«گىرېتسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ، جۈملىدىن يېقىندا گىرېتسىيە پارلامېنتى باشلىقىنىڭ لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا ئارىلىشىش تۈسىنى ئالغان باياناتلىرىنى ھەيرانلىق ۋە ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە كۆردۇق. ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ لىۋىيەنى بۇ كېلىشىملەرنى بىكار قىلىشقا مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق.»

مۇئاۋىن باشلىق ئۇھىدا باياناتىدا يەنە،  لىۋىيەنىڭ «ئىناق قوشنىدارچىلىق پىرىنسىپلىرى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتنى ئاساس قىلغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر»نى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «لىۋىيە — تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەت. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرىنى ۋە ئۇنى قانداق قوغداشنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ. بىز لىۋىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئالاقىدار قارارلىرىغا ھەر قانداق شەكىلدە ئارىلىشىشنى ياكى سىرتتىن بىرەر كۈچنىڭ بىزگە سىياسىي يوليورۇق تېڭىش ئۇرۇنۇشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەلۇمكى، مەزكۇر كېلىشىم لىۋىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز چېگرا لىنىيەسىنى بېكىتىشنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، گىرېتسىيە تەرەپ بۇ كېلىشىمنىڭ ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىغا قىلىنغان «تەجاۋۇزچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

ئۇھىدا يەنە تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ «خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدىلەر بىلەن قوغدىلىدىغان ئىگىلىك ھوقۇقى قارارلىرى» ئىكەنلىكىنى، ھېچبىر دۆلەتنىڭ لىۋىيەگە بۇلارنى تەستىقلاش، دەپسەندە قىلىش ياكى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «گىرېتسىيە تەرەپنى سالماق بولۇشقا، لىۋىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۇرۇنۇشلىرىنى دەرھال توختىتىش»قا چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى