ئامېرىكا 2008-يىلى بومبايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى گۇماندارىنى ھىندىستانغا قايتۇرۇشنى تەستىقلىد
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا 2008-يىلى بومبايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى گۇماندارىنى ھىندىستانغا قايتۇرۇشنى تەستىقلىدئامېرىكا پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، 2008-يىلى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى گۇماندارىنىڭ چىكاگولۇق سودىگەر ۋە كانادا پۇقراسى تاخاۋۋۇر رانا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
00:00
2008-يىلى بومبايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى / AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھىندىستاننىڭ پۇل - مۇئامىلە مەركىزى بومباي شەھىرىدە 2008-يىلى يۈز بەرگەن ۋە 160 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن چېتىشلىقى بار بىر گۇماندارنىڭ ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەستىقلىدى. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

166 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، مېھمانخانىلار، بىر پويىز ئىستانسىسى ۋە بىر يەھۇدىي سودا مەركىزى نىشان قىلىنغان ھەمدە ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ھۇجۇملار 2008-يىلى 26-نويابىر كۈنى باشلانغانىدى.

ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:

«ھۆكۈمىتىم 2008-يىلى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى بار، دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار ئادەملەردىن بىرى بولغان بىر سۇيقەستچىنىڭ ھىندىستاندا ئادالەت بىلەن يۈزلىشىشى ئۈچۈن ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەستىقلىدى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. دەرۋەقە، بۇ كىشى ئادالەت بىلەن يۈزلىشىش ئۈچۈن ھىندىستانغا قايتماقتا.»

ترامپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەزكۇر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى. ئەمما ترامپ بىلەن مودىنىڭ كېيىنچە ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، بۇ كىشىنىڭ چىكاگولۇق سودىگەر ۋە كانادا پۇقراسى تاخاۋۋۇر رانا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى  ئالىي سوت مەھكىمىسى رانانىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇنى ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بېرىشىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ سۇنغان ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، رانا نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇلماقتا ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى