سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى  رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
[ھۆججەت] 2026-يىلى 5-ماي، ئۇكرائىنانىڭ زاپورىژژىيە شەھىرىدە رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوتنى ئۆچۈرۈۋاتقان بىر ئۇكرائىنالىق قۇتقۇزۇش خادىمى. / AFP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدىن سەل بۇرۇن ئېلان قىلغان ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ، توقۇنۇشتىكى «ئاخىرلىشىشنىڭ باشلىنىشى» بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رۇسىيە قىسىملىرى سەيشەنبە كۈنى كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

پايتەخت ھەربىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تيمۇر تكاتشېنكو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«دۈشمەننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھازىر كىيېۋ ھاۋا بوشلۇقلىرىدا، شۇڭا  تاكى سىگنال ئاۋازى توختىغانغا قەدەر بىخەتەر جايدا تۇرۇڭلار.»

مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى جۈمە كۈنىدىن بۇيان پايتەختتە بېرىلگەن تۇنجى سىگنال بولدى.

كىيېۋ رايونلۇق ھەربىي ئىشلار باشقارمىسى ئاھالىلەرنى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشقا چاقىرىپ، رايوندىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلبىسىنى خاتىرىلەش كۈنىدىن (11-9-ماي كۈنلىرى) بىرنەچچە سائەت بۇرۇن ئېلان قىلغان ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ، 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتا «ئاخىرلىشىشنىڭ باشلىنىشى» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان «پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار» مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى