«‹TRT World› مۇنبىرى» غا "https://www.trtworldforum.com/register/" ئارقىلىق تىزىملاتقىلى بولىدۇ.
«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى 10 - يىلىدا «مەركەزسىز دۇنيا: قائىدىلەر ئىناۋەتسىز بولغاندا كىم رەھبەرلىك قىلىدۇ؟» تېمىسىدا 6 - ۋە 7 - نويابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت (TRT) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، 2017 - يىلىدىن بۇيان دۇنيادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى 10 - يىلىدا يەر شارى خاراكتېرلىك دىيالوگقا تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان، 6 - ۋە 7 - نويابىر كۈنلىرى ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار، تەنھەرىكەتچىلەر، سەنئەتكارلار، سىياسەتچىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۇنيادىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئائىت ئوخشاش بولمىغان نۇقتىئىينەزەرلەرنى جەم قىلغان «‹TRT World› مۇنبىرى» 10 - يىلىدىمۇ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىۋاتقان كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ۋە رەھبەرلىك چۈشەنچىسىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
«‹TRT World› مۇنبىرى» يېقىنقى 10 يىلدا ئۆتكۈزۈلگەن 86 ئوچۇق ۋە 76 يېپىق يىغىندا 801 نۇتۇق سۆزلىگۈچىنى مىڭلارچە قاتناشقۇچى بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراش ۋە تەجرىبىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەردى. ھەم يەر شارى خاراكتېرلىك ھەم رايونلۇق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ۋە كۈنتەرتىپلەرنى بەلگىلەيدىغان «‹TRT World› مۇنبىرى» نىڭ بۇ يىل گەۋدىلىك تېمىلىرى ئارىسىدا سۈنئىي ئەقىل، ئېنېرگىيە كىرىزىسلىرى، خەلقئارا قانۇن ۋە ئىقتىساد قاتارلىق مەسىلىلەر ئورۇن ئالىدۇ.
يىغىندا بۇ يىل «تۈركىيە: رايونلۇق كۈچتىن رايونلار ئارا بىر ئاكتىيورغا ئايلىنىش، يۇقىرى خەتەرلىك دىپلوماتىيەنىڭ قايتىشى: ئوتتۇراھال كۈچلەر ۋە باش كۆتۈرۈۋاتقان كۆپ قۇتۇپلۇق تەرتىپ»، «خەلقئارا سىستېمىدىكى ئامېرىكا پارادوكسى»، «مۇشەققەتلىك شەكىلدە قەددىنى رۇسلاش مۇساپىسى ھارپىسىدا: ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشلاردىن كېيىنكى مىللىي ئىقتىسادلار»، «خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىي ۋەيرانچىلىقنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدىكى غەززە»، «ئۇلىنىشچانلىقنىڭ يېڭى گېئوسىياسىيىسى: دېڭىز يوللىرى، بوغۇزلار ۋە كارىدورلار»، «ئالگورىزملىق دەۋردە كونتروللۇق كىمدە؟ شىركەتلەر، دۆلەتلەر، پۇقرالار»، «ئېنېرگىيە كىرىزىسلىرىنىڭ قالدۇق تەسىرلىرى: بېسىم ئاستىدىكى ئورگانلار» ۋە «سۈنئىي ئەقىل دەۋرىدە مەسئۇلىيەتنى باشقۇرۇش» قاتارلىق ئوچۇق يىغىن تېمىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىغىندا، ئاسىيا - تىنچ ئوكياندىكى خەۋپسىزلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىدىن تارتىپ ياۋروئاسىيا قۇرۇلمىلىرىغىچە، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن تارتىپ ئافرىقادىكى دىپلوماتىيە ۋە گېئوئىقتىسادقىچە بولغان ئوخشىمىغان تېمىلار ئۆز ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنلىرىدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
«‹TRT World› مۇنبىرى» غا "https://www.trtworldforum.com/register/" ئارقىلىق تىزىملاتقىلى بولىدۇ.






















