غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئەڭ يېڭى پەللىسىنى ياراتتى.
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى / Reuters

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2025-يىلى ئۆكتەبىردىكى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، جىبالىيەدىكى بىر مەسچىت ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا بىر كىچىك بالىمۇ يارىلاندى.

سەھىيە مەنبەلىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا، غەززە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى شەيخ رىدۋان مەھەللىسىدە بىر گۇرۇپپا پۇقرالارنى نىشان قىلغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر ئىسرائىلىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى مەھەللىدىكى بىرىنچى كوچا دوقمۇشى ئەتراپىدا توپلانغان پۇقرالارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان.

ئىلگىرىمۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى جىبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئەلخۇجا رايونىغا ئوق چىقىرىپ يەنە بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.

سەھىيە ئەترەتلىرى جەسەتنى غەززە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى شىفا دوختۇرخانىسغا يۆتكىدى.

باشقا بىر ۋەقەدە، سەھىيە مەنبەلىرى ۋە شاھىتلار، جىبالىيە رايونىدىكى ئۆمەرى مەسچىتى ئەتراپىدا بىر گۇرۇپپا پۇقرالارنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا ئارىسىدا بىر كىچىك بالىمۇ بولغان ئۈچ پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

غەززەدىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئات ئىشخانىسى، 14-ئاپرېلدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆلتۈرۈش، قولغا ئېلىش، قامال قىلىش ۋە ئاچ قويۇش سىياسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 2400 قېتىمدىن ئارتۇق خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىدا 809 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، 2267 پەلەستىنلىك يارىلاندۇرۇلغان.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ 72 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە 172 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى.

ئىسرائىلىيە رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى ۋە پۈتكۈل نۇپۇسنى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى