تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئارامكو تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋەقەسىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى راس تانۇرادا يۈز بەرگەن ۋە 14 سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئارامكو تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە ئارامكو تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋەقەسىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ئارامكو تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋەقەسىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەزىيە بىلدۈردى / AA

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ يەكشەنبە كۈنى راس تانۇرادا يۈز بەرگەن ۋەقەدە كېلىپ چىققان جانغا زامىن بولۇش ۋەقەسىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى  تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە نېفىت مەركىزىدە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ماگناتى ئارامكوغا تەۋە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان راس تانۇرادا چۈشۈپ كەتتى. دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

SPA سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىدىكى رەسمىي بىر مەنبەنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ۋىزارىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ماگناتى ئارامكوغا تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان، يەكشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي قىرغىقىدا، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ غەربىگە جايلاشقان راس تانۇرادا چۈشۈپ كەتكەن.

SPA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى