خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئالىي سوتى قاماقتىكى سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننى دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى بۇيرۇدى
73 ياشلىق سابىق باش مىنىستىرنىڭ ئائىلىسى ۋە پارتىيە رەھبەرلىرى تۇرمىدىكى سالامەتلىك ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن جىددىي تېببىي داۋالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
پاكىستان ئالىي سوتى قاماقتىكى سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننى دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى بۇيرۇدى
پاكىستان ئالىي سوتى قاماقتىكى سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننى دوختۇرخانىغا يۆتكەشنى بۇيرۇدى / Reuters

پاكىستان ئالىي سوتى سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ تېببىي داۋالىنىشى ئۈچۈن تۇرمە مەسئۇللىرى تەرىپىدىن بىر دوختۇرخانىغاە يۆتكىلىشىنى ۋە دېلونىڭ كېيىنكى سوتى بولغان 16-سېنتەبىرگىچە دوختۇرخانىدا قېلىشىغا رۇخسەت بېرىلىشىنى بۇيرۇدى.

ئالىي سوت ھەيئىتىدە سوتچى شاھىد ۋاھىد ۋە سوتچى نائىم ئاقتار ئافغان بىلەن سوتچى ئىشتىياق ئىبراھىم ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھەيئەت ھۆكۈمەتكە ئىمران خاننىڭ ئادىيالا تۇرمىسىدىن تېببىي تەكشۈرۈش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن ئىسلامئابادتىكى شىفا خەلقئارا دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىشىنى بۇيرۇدى. بۇنى ئادۋوكاتى نائىم ھەيدەر پەرجۇتا سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلدى

ئىلتىماسلار ئىمران خاننىڭ سىڭلىسى ۋە مۇتەخەسسىس جەرراھ بولغان دوكتور ئۈزما خان بىلەن باشقا پارتىيە رەھبەرلىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئىدى. ئىلتىماسلاردا سالامەتلىكىنىڭ تۇرمىدە يامانلاشقانلىقى ۋە ئوخشىمىغان ساغلاملىق مەسىلىلىرى بارلىقى بىلدۈرۈلۈپ، دەرھال تېببىي ياردەم قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

سوت يەنە 73 ياشلىق سابىق باش مىنىستىرنى تىببىي تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئۈچۈن بىر تېببىي كېڭەش قۇرۇپ چىقىشنىمۇ بۇيرۇدى.

سوت تېببىي تەكشۈرۈش ۋە داۋالىنىش جەريانىدا دوكتور ئۈزما خان بىلەن خاننىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى دوكتور پەيزەل سۇلتاننىڭمۇ مەۋجۇت بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا مەسئۇللارغا ئىمران خاننىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بۇيرىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan court orders medics to examine Imran Khan after vision loss claim

كۆپ سانلىق قانۇنىي دېلولار

پارلامېنت ئىشلىرى ئالىي مىنىستىرى تارىق پەيزەل چاۋدۇرى قارارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يەرلىك تارقىتىش ئورگىنى Geo News نىڭ خەۋىرىگە بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي سوت قارارىنى «ھەر بىت ھەرپىگىچە تولۇق روھى بىلەن» ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋدۇرى ئىمران خاننىڭ پارتىيەسىنىڭ سوتلارنىڭ ئادالىتىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چاۋدۇرى: «ئۆتمۈشتە ھەممەيلەن سوت ئارقىلىق ئازاد بولغان» دېدى ۋە ئەدلىيەنىڭ قانۇنىي چارە ۋە قويۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىدىغان يول بولۇپ قېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلدى.

سابىق باش مىنىستىرغا پارتىيەسى تەرىپىدىن بىر ئىلتىماس بولمىغانلىقىغا قارىماي «مۇمكىن بولغان ئەڭ ياخشى تېببىي ئىمكانىيەتلەرنىڭ» يارىتىپ بېرىلگەنلىكىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىمران خان بىر قانچە دېلودىكى جىنايەت ھۆكۈملىرىدىن كېيىن 2023-يىلى ئاۋغۇستتىن بۇيان تۇرمىدە ياتماقتا ئىدى.

2018-يىلى ھاكىمىيەتكە كەلگەن سابىق كرىكېتچى، ۋەزىپە مۇددىتىنى تاماملىشىغا تەخمىنەن بىر يىل قالغاندا 2022-يىلى ئاپرېلدا پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشەنچ ئاۋازىدا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.

شۇنىڭدىن بۇيان دۆلەت سوۋغىلىرى ۋە پارىخورلۇققا مۇناسىۋەتلىك دېلولار قاتارلىق ناھايىتى كۆپ ساندا دېلوغا دۇچ كەلدى. بەزى جىنايەت ھۆكۈملىرى توختىتىپ تۇرۇلدى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بىر قانچە ئېتىراز ئىلتىماسى بولسا ئالىي سوتلاردا كۈتۈپ تورماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - From ouster to arrest: a timeline of Imran Khan's saga in Pakistan
ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار