ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستانلىق مېمار غەززەدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە مۇكاپاتىنى رەت قىلدى
ياسمېن لارى دائىملىق تۇرالغۇلىرى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئاشخانىلىرى بىلەن دۆلەتنىڭ چەت-ياقا مەھەللىلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن توختىماي ئىشلەۋاتقان پاكىستاننىڭ تۇنجى ئايال مېمارىدۇر.
00:00
پاكىستانلىق مېمار غەززەدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە مۇكاپاتىنى رەت قىلدى
پاكىستاننىڭ تۇنجى ئايال مېمارى ياسمېن لارى / Other

پاكىستاننىڭ تۇنجى ئايال مېمارى ياسمىن لارى  تەل ئاۋىۋنىڭ غەززەگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ۋولف مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

لارىنىڭ باياناتى ئۇنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە (@barefootsocialarchitecture) ھەمبەھىرلەندى.

ئۇ «بۇ شان - شەرەپكە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى» بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما «غەززەدىكى نومۇس قىلارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» داۋاملىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن مۇكاپاتنى ياكى مۇكاپات پۇلىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىر توقۇنۇشنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى بارلىق زوراۋانلىقلارنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھاياتىمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىقلىم مۇساپىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. تولىمۇ ئەپسۇسكى،  غەززەنىڭ ئەھۋالى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش جەھەتتە ئەڭ ئېغىر ئەھۋاللاردىن بىرىدۇر.»

يىللىق دۇنيا مۇكاپاتى 1978 - يىلدىن بۇيان ئىسرائىلىيەدە بېرىلىۋاتقان خەلقئارالىق بىر مۇكاپاتتۇر. بۇ مۇكاپات «دىن، جىنس، ئىرق، جۇغراپىيە ۋە سىياسىي مەيدان توسۇقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەن» شەخسلەرگە بېرىلىدۇ.

مۇكاپاتلار مېدىتسىنا، يېزا ئىگىلىك، ماتېماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، مېمارلىق، مۇزىكا، رەسىم ۋە ھەيكەلتاراشلىق ساھەلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شەخسلەرگە بېرىلىدۇ. ۋولف مۇكاپاتىغا پەقەت تەكلىپ بىلەنلا نامزات بولۇش مۇمكىن.

ۋولف مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«ۋولف مۇكاپاتى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشقان ئالىملار ۋە سەنئەتكارلارغا بېرىلىدۇ، بۇ مۇكاپات ئۇلارنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تونۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ مۇكاپاتنى بېرىش بىلەن، بۇ ساھەلەردە تېخىمۇ ياخشى بىر دۇنيا ئۈچۈن تۆھپە قوشقان رەھبەرلەر ۋە يول باشچىلارنى ئالقىشلايمىز.»

ھەر ساھەدىكى مۇكاپات بىر دىپلوم، شان - شەرەپ ئوردېنى ۋە 100 مىڭ دوللاردىن تەركىب تاپىدۇ.

لارى رەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ مۇكاپات «خىتاي بويىچە يېزىلارنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن ئۆزگەرتكەن مېمارلىقى ئۈچۈن» تيەنتيەن شۇنغا بېرىلدى.

لارىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

لارى 1941 يىلى پاكىستاندا تۇغۇلغان، 15 يېشىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە لوندونغا كۆچۈپ كەتكەن، ئوكسفورد بروكس مېمارلىق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 23 يېشىدا يولدىشى بىلەن بىللە پاكىستانغا قايتقان.

لارى ۋە مەرھۇم يولدىشى سۇھەيل زاھىر لارى 1980 - يىلى پاكىستاننىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىغان پاكىستان مىراس فوندىنى قۇرغان.

ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسىنى بولۇپمۇ پاكىستاننىڭ چەتكە قېقىلغان خەلقلىرى ئۈچۈن مېمارلىق ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئادالەت بەرپا قىلىش تەشكىل قىلىدۇ.

لارى 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۆزلىكىدىن ياسىلىدىغان دائىملىق پاناھگاھ، تەبىئىي ماتېرىياللاردىن، توپا، ھاك ۋە قومۇشتىن ياسالغان 80 مىڭدىن ئارتۇق ئېكولوگىيەلىك ئاشخانىلارنى بەرپا قىلغان.

ئۇ، 2007  - يىلى بامبۇكنى قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئىشلىتىشكە باشلىغان ۋە توقۇنۇشلاردىن قېچىپ خەيبەر پاختۇنخۋانىڭ سۋات رايونىدا پاناھلىنىۋاتقان مۇساپىرلارنى ئاممىۋى ئاشخانىلار بىلەن تەمىنلىگەن، كېيىنچە پاكىستانغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن كەلكۈن ئاپەتلىرىدىن كېيىن ئاممىۋى پاناھلىنىش مەركەزلىرىنى قۇرغان.

2022  - يىلى كەلكۈن ئاپىتى پاكىستاننى زىلزىلىگە سالغان مەزگىلدە دائىملىق ۋە كەلكۈنگە چىداملىق ئۆيلەرنى سېلىش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن.

لارىنىڭ خىزمەتلىرى «يالىڭئاياغ ئىجتىمائىي مېمارلىق» يۆنىلىۋېلىش خاھىشىنى كۆپەيتىۋېتىدىغان ئىنسانىي ياردەم مودېلىدىن يىراقلىشىشنى مەقسەت قىلىدىغان ئۇچۇرلىشىش سىستېمىسىغا ئاساسلىنىدۇ، ھەمدە كەڭ خەلق ئاممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەمچى بولۇشنى نىشان قىلىدۇ.

لارى 2023  - يىلى ئىنسانىي خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ئەنگلىيە خان جەمەتى مېمارلار ئىنستىتۇتى پادىشاھلىق ئالتۇن مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغان. 2020 - يىلى بولسا جەين درېۋ مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز